تىللا سۇپىسى_خەلقئارا

"قىزىمنىڭ نامى بىلەن" فېلىمى كەينىدىكى ئاچچىق رېئاللىق

يوللانغان ۋاقتى:2020-09-03

d7b0c408-5a8d-4fe6-81d8-e75a968fa52f.jpg

فىرانسىيەدە تۇغۇلغان ئاندىرىۋ بامبىرىسكى بىر 

بوغالتىر بولۇپ، ئۇ ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن ماراكەشتە تۇراتتى، ئۇ يەردە ئۇلار گېرمانىيە كونسۇلخانىسىدا دوختۇر بولۇپ ئىشلەۋاتقان كرومباخ ئىئېتېر قرومبا ۋە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئايالىنى ئۇچراتتى

بۇ كىرومباخ داۋالاش تېخنىكىسى يۇقىرى ئادەم بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر ماھىر كۆڭۈل ئوۋچىسى ئىدى.

ئۇزاق ئۆتمەي، ئاندرېۋنىڭ ئايالى كرومباخ تەرىپىدىن ئالداندى، ئۇلار مەخپىي ئۇچرىشىشقا باشلىدى، ناھايىتى تېزلا ئاندرېۋ دەرھال ئۆزىنىڭ يېشىل بۆك كەيگنلىكىنى بايقىدى، بىراق ئاندرېۋنىڭ ئايالى كرومباخ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشىدىن نومۇس قىلمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىۋاسىتە ئاندرېۋ بىلەن ئاجرىشىپ، بالىسىنى ئېلىپ گېرمانىيەگە بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللىدى.

 بەش يىل يىلدىن كېيىن، يەنى 1982- يىلى، ئاندرېۋنىڭ چوڭ قىزى كارېنكا بامبىرسكى

  گېرمانىيەدىكى بىر فرانسۇز تىلى مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، بۇرۇن ئىزچىل فرانسۇز تىلى مەكتىپىدە بولغاچقا، ئۇ ھېچقانداق نېمىس تىلىنى سۆزلىيەلمەيدۇ، شۇڭا تۇرمۇشىدا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، كارېنكا ئانىسى بىلەن سۆزلىشىپ، شۇ يىلى 8ـ ئايدا دادىسى بىلەن بىللە فىرانسىيەگە كۆچۈپ كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى قارار قىلىدۇ، ئاندرېۋمۇ ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ

شۇ يىلى 7ـ ئاينىڭ 9ـ كۈنى، كارېنكا دوستلىرى بىلەن كونستانتىس كۆلى ئەتراپىدا ئويناپ، تەخمىنەن سائەت 5 ئەتراپىدا ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ

.ئانىسىغا مىجەزىم يوق دەپ كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن بالدۇرلا ئۆيىگە كىرىپ ئارام ئالىدۇ

ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەينى چاغدا 47 ياشلىق دوختۇر كىرومباخ كارىنكانىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى ئويغىتىپ بىللە ناشتا قىلدۇرماقچى بولىدۇ، نەتىجىدە كارىنكانىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ توختىغانلىقىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن دوختۇر بولغان كىرومباخ دەرھال كارىنكاغا ئادرېنالىن ئوكۇلى ئۇرىدۇ، لېكىن كارىنكا خېلى ئۇزۇن ۋاقت ئۆتۈپ كەتكەچكە،  ھەر قانداق دورىنى ئۇرسىمۇ پايدىسى بولمايدۇ

بۇ شۇم خەۋەرنى سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاپىسى ئالدىنقى يولدىشى ئاندرېۋغا يەتكۈزىدۇ، ئاندرېۋ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا قالىدۇ، بۇ ئېغىر خەۋەرنى زادىلا قوبۇل قىلالمايدۇ، ئەسلىدە ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياد ئېتىپ تۇرغان قىزى كارىنكا ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆز يېنىغا، فرانسىيەگە كۆچۈپ كەلمەكچى ئىدى.

بۇ ئەسلىدە ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان بارلىق ئۈمىدى ئىدى، ھازىر بولسا قېتىپ قالغان جەسەتكە ئايلانغانىدى.

ئاندرېۋ ھوشىغا كەلگەندە، قىزىنىڭ مانا مۇشۇنداق سەۋەبسىزلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ، قىزى كارېنكا ساغلام ھەرىكەت قىلىدىغان قىز، ھېچقانداق كېسەللىك تارىخى يوق، قانداقسىگە تۇيۇقسىز بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟

b2b4cce271f54f6781739e3ebc1fe0b4.png

ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، كىرومباخنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، كارىنكاغا ئالدىنقى كۈنى سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلغانلىقتىن ئېغىر دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەككىز يىل بۇرۇنقى بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە، كارىنكانىڭ مېڭىسى سىلكىنىش ئاسارىتى قېلىپ، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئاندرېۋ دەرھال گېرمانىيەگە يېتىپ كېلىپ، تۇنجى جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، بۇ جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۆرۈپ ئاندرېۋ تۈگىشىپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ

جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشقازاندا ھەزىم بولمىغان يېمەكلىكلەر بار ئىكەن ھەمدە ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەر كاناي ۋە ئۆپكىگە ئېقىپ كىرگەن، تېرىنىڭ بىر قانچە يېرىگە شپىرىس بىلەن دورا ئۇرغان ئىز بار ئىكەن، جىنسىي يول تېيىز قەۋىتى يىرتىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن يېرىلغان دەپ ھۆكۈم قىلىنغان، جىنسىي ئەزا ئەتراپىدا ئاز مىقداردا قان دېغى بار ئىكەن، جىنسىي يولدا ئېنىق بولمىغان ئاق رەڭلىك ماددىلار باركەن، لېكىن بۇ ئاق رەڭلىك ماددىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى، جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنمىغان.

شۇنىڭ بىلەن ئاندرېۋ گېرمانىيە تەپتىش مەھكىمىسىدىن كارىنكانىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىگە قارىتا قايتا دېلو ئېچىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن گېرمانىيە تەرەپ بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىشنى رەت قىلىدۇ ھەمدە دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغان سەۋەب بىلەن ئاندرېۋنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ، ئاندرېۋ گېرمانىيە قانۇن دوختۇرىدىن كارىنكانىڭ جەسىتىنى ئىككىنچى قېتىم تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىككىنچى قېتىملىق جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جەسەتكە ئۇرۇلغان بىر خىل ئوكۇل سۇيۇقلۇقى بايقالغان بولۇپ، كارىنكانىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەن، بۇ خىل دورا ئەسلىدە قان ئازلىقنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن ياكى كۆپ مىقداردا قان چىققان ئەھۋالدا ئاندىن ئىشلىتىلىدىكەن، لېكىن بۇ خىل ئوكۇل سۇيۇقلۇقى يەنە بىر خىل خەتەرلىك دورا بولۇپ، ئەگەر تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئوكۇل ئۇرسا، ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆپكىگە سۈمۈرۈلۈپ ھوشىدىن كېتىشى، سېزىمىنى يوقىتىشىنى، قۇسۇش، ئەڭ ئېغىر ئەھۋال ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

كەچلىك تاماقتىن كېيىن قىزىغا بۇ خىل دورىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرالايدىغان ئادەمنىڭ پەقەت بىرلا خىل ئېھتىماللىقى بار، ئۇ بولسىمۇ كىرومباخ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇرنى تېپىپ يۈزلىشىدۇ.

ئەمما ئالدىنقى ئايالى ۋە ئۇنىڭ ئېرى كىرومباخ ئاندرېۋ ئايالىنىڭ ئۆزىگە يىشىل بۆك كەيگۈزگنىدىن غەزەپلەنگەن شۇنداقلا قىزى كىرومباخنىڭ ئۆيىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنارغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراپ، قىزىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقارغان دەپ قارايدۇ؛

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلغىنى ئەسلىدە قان ئازلىقنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا تۇرسا، كىرومباخنىڭ مەقسەتلىك ھالدا بۇ دورىدىن پايدىلىنىپ كارىنكانى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟

ھازىرقى دەلىل ـ ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاندرېۋ ئەڭ كۆپ بولغاندا كىرومباخ بىر ساختا دوختۇر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، پۈتۈن ۋەقە پەقەت بىر داۋالاش ھادىسىسى، لېكىن ئاندرېۋ ئىشنى ئۇنداق ئاددىي ئەمەس دەپ قارايدۇ، چۈنكى كىرومباخ دائىم بۇ خىل دورا بىلەن بىمارلارنى داۋالايدۇ، ھەتتا ئەتراپىدىكى دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇ بۇ خىل دورىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەكس تەسىرىنى بىلمەي قالامدۇ؟

ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، قىزىنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ سىرتقى يۈزى يېرىلىپ كەتكەن ھەمدە ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن كېلىپ چىققان، ئۇنىڭدىن باشقا بەدىنىدە ئاق رەڭلىك نامەلۇم ماددا بار بولۇپ، بۇ قانداقلا قارىسا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى.

ئىككىنچى يىلى ئاندىرېۋ گېرمانىيەنىڭ كوچىلىرىدا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ، كىرومباخنى ئۆزىنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى ۋە ئۆلتۈردى دەپ ئەيىبلەيدۇ، لېكىن گېرمانىيە تەپتىش مەھكىمىسى بۇ دېلونى تاسادىپىيلىق دەپ بېكىتكەچكە، كىرومباخنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق، شۇڭا كىرومباخ يەنە ئاندرېۋ ئۈستىدىن تۆھمەت قىلدى دەپ ئەرز قىلىدۇ.

بىراق ئاندرېۋ بۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئۇ چوقۇم بۇ ئادەم سۈرەتلىك ھايۋاننىڭ ئۈستىدىن ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىشقا قەسەم قىلىدۇ.

ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنى 1985- يىلى، ئاندرېۋ قىزىنىڭ فىرانسىيەگە كۆمۈلۈپ بولغان جەسىتىنى كولاپ چىقىرىپ، فىرانسىيەنىڭ قانۇن دوختۇرىغا قىزىنىڭ جەسىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما قىزىنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئاندرېۋ پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىدۇ، بۇ ھايۋان دوختۇرنى ئەيىبلەيدىغان ئىسپات بولمىغاچقا، قىزى ئۆلسىمۇ قانداقمۇ كۆزى يۇمۇلسۇن.

e8c7faf1b3024949a72e75271e7d13f9.png

.ئادالەت بەلكىم كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن مەڭگۈ كەلمەي قالمايدۇ

ئارىدىن 15 يىل ئۆتۈپ، يەنى 1997 -يىلى، 16 ياشلىق بىر بىمار كىرومباخ دوختۇرنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىگە ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا يېزىپ بەرگەنلىكىنى ھەمدە داۋالاش ئىشخانىسىدا ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى شىكايەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كۆپلىگەن گېرمانىيەلىك قىزلار ئوتتۇرىغا چىقىپ بىرلىكتە كىرومباخ دوختۇرنى دورىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئايلاندۇرۇپ ئاندىن باسقۇنچىلىق قىلغان دەپ ئەيىبلەيدۇ.

دەلىل ـ ئىسپات تولۇق بولغاچقا، كىرومباخ يەنە تېنىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، گېرمانىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ ۋە جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، شۇ ئۇنىڭ داۋالىنىش كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

ئاندرېۋنىڭ كەسكىن ۋەزخانلىق قىلىشىمۇ فىرانسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ دېلوغا ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغايدۇ

ھەمدە 1995ـ يىلى فرانسىيە سوت مەھكىمىسىدە كىرىمباخقا سىرتتىن سوت ئاچىدۇ ھەمدە قەستەن زەخىملەندۈرۈش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئاندرېۋنى يېتەرلىك قوللاپ، كۆپ قېتىم گېرمانىيەگە كرۇمباخنى فىرانسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ سوتنى قوبۇل قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، لېكىن گېرمانىيە سوت مەھكىمىسى بولسا بۇ دېلو ئاللىقاچان ئاياغلاشتى دەپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىمۇ 2001ـ يىلى فىرانسىيەنىڭ كىرۇمباخقا چىقارغان ھۆكۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە يەنە فىرانسىيەنى ئەيىبلەيدۇ.

.بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھايۋان دوختۇر يەنە 100 مىڭ فرانك تۆلەمگە ئېرىشىدۇ

نۇرغۇن ۋاقت ئۆتۈپ، يەنى 2012 - يىلى دەۋا سۈرۈكى توشاي دەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن 71 ياشلىق ئاندرېۋ چوڭ بىر قارار چىقىرىدۇ. 

ئۇ پۇل خەجلەپ باشقىلارنى كرۇمباخنى تۇتقۇن قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، 74 ياشلىق كرۇمباخ فىرانسىيەگە كېلىپ سوتلىنىشنى قوبۇل قىلىدۇ، قېرى ئاندرېۋ بولسا ئۆزىنىڭ پۇل خەجلەپ كرۇمباخنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

كۆپچىلىك ئەمدى گېرمانىيەنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار؟

گېرمانىيە فىرانسىيەدىن كرومباخنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە قېرى ئاندرېۋنى گېرمانىيەگە ئۆتكۈزۈپ كېلىپ سوراق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن فىرانسىيە بۇ ۋاقىتتا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئىش قىلىدۇ، فىرانسىيە قېرى ئاندرېۋنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىدۇ، سەۋەبى ئۇ فىرانسىيەدە جازانى قوبۇل قىلغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كرومباخنىمۇ گېرمانىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ، ئۇ فىرانسىيە قانۇنىنىڭ كېسىمىنى قوبۇل قىلىدۇ، فىرانسىيەدە 15 يىل تۈرمىدە ياتىدۇ.

ئۇندىن باشقا فىرانسىيە يەنە گېرمانىيەگە بىر خۇش خەۋەرنى ئېيتىدۇ، قېرى ئاندرېۋ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان كۈنىلا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە فىرانسىيەمۇ ئاندرېۋنىڭ جىنايىتىگە قارىتا بىر يىللىق جازانى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلغانىدى.

بۇنىڭ بىلەن

كارىنكا ئۆلۈپ كېتىپ 30 يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسى ئاخىرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان مەلئۇننى تۈرمىگە تاشلايدۇ.

fbb5e77e53894e5d96070554b5834330.png

ئالقىش : 13 ئۆرۈم : 0

تېخى ھىچكىم ئىنكاس يازماپتۇ، دەرھال كىرىسلۇنى ئىگىلەڭ