پۇل مۇئامىلە

كەلگۈسىنىڭ قىسقىچە تارىخى

يوللانغان ۋاقتى :2023-02-02 总浏览:306


 

كەلگۈسىنىڭ قىسقىچە تارىخى

 

يوۋال نوھ خارارى

تەرجىمان: ئابدۇسەمەت ئىمىن

 

 21- ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىغا ئۇزاق مۇددەت تەھدىت سالغان ۋابا، ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇش تۇمشۇقىغا يېدى، ئاقىللار مەڭگۈ قېرىمايدىغان، بەختلىك، خۇشال ـ خۇرام ياشايدىغان ۋە ئىلاھى ئىنسان بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى قارالمىغا يۈزلەندى. بۇ يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا، پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىز ئىلگىرى ئىسپاتلاش ھاجەتسىز دەپ قارىغان نۇرغۇن ساۋاتلارنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتى، مەسىلەن، گۇمانىزم قەدىرلەيدىغان ئەركىن ئىرادە كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، ماشىنا ئىنسانلارنىڭ ئورنىدا تېخىمۇ ئاقىلانە تاللاش ئېلىپ بارماقتا.

  تېخىمۇ مۇھىمى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنىي ئىدراك ۋەكىللىكىدىكى پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە پىشىپ يېتىلىشى، ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىياتتىن ئەقلىي ئادەمگە ئايلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر قىممىتى يوق توپ قا ئايلىنىش ئالدىدا، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئالاھىدىلىكىدە زور ئۆزگىرىش بولغان خاسىيەتلىك ئادەمگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

 كەلگۈسىدە ئىنسانلار مۇنداق ئۈچ چوڭ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ: جانلىقلارنىڭ ئۆزى بىر ھېساۋات، ھاياتلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۈزلۈكسىز بىر تەرەپ قىلىش جەريانى؛ ئاڭ بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئايرىلىشى؛

  چوڭ سانلىق مەلۇمات توپلانغان تاشقى مۇھىتقا ئىگە بولساق ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىمىز،بۇ ئۈچ چوڭ مەسىلىگە قانداق قاراش، شۇنداقلا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قانداق قوللىنىش، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ

 

مۇندەرىجە

 

بىرىنچى قىسم:  ئاقىللار دۇنيانى بويسۇندۇرىدۇ

1 ـ باب ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى قارالمىلىرى  

 2 ـ باب ئىنسانىيەت تارىخى

 3- باب ئىنسانىيەتنىڭ ئالاھىدە تەرىپى

ئىككىنچى قىسىم: ئەقىل ئىگىسى دۇنياغا مەنە ئاتا قىلىدۇ

 4 ـ باب مەدداھ

 5 ـ باب بىر جۈپ ئۇۋاللار

 6 ـ باب ھازىرقى زامان بىلەن كېلىشىم

 7 ـ باب گۇمانىزم ئىنقىلابى

ئۈچىنچى قىسىم ئاقىللار كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى

 8 ـ باب تەجرىبىخانىدىكى قەرەللىك بومبا

 9- باب چوڭ ئايرىش

 10- باب ئاڭ دېڭىزى

 11 ـ باب خەت سانلىق مەلۇماتى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ

 

 

1-باپ

ئىنسانلارنىڭ يېڭى قارالمىسى

  ئۈچىنچى مىڭ يىل باشلانغان پەيتتە، ئىنسان ئويغىنىپ، پۇت ـ قوللىرىنى سوزۇپ، كۆزىنى ئۇۋۇلىدى، كاللىسىدا بەزى قورقۇنچلۇق قاباھەتلىك چۈشلەر غۇۋا ئېسىدە كەلدى: " سىم تور، غايەت زور موگۇسىمان بۇلۇت دېگەندەك نەرسىلەر باردەك ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن نېمە كارىم، پەقەت بىر قاباھەتلىك چۈش ..."  ئىنسان مۇنچىغا كىرىپ، يۈزىنى يۇيۇپ، ئەينەكتىكى قورۇقلارغا قاراپ، ئاندىن بىر ئىستاكان قەھۋە دەملەپ، خاتىرە دەپتەرنى ئاچتى: " قېنى بۈگۈن قانداق مۇھىم ئىش بارلىقىغا قاراپ باقاي. "

  نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ماۋۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.

  مەيلى 20ـ ئەسىردىكى جۇڭگولۇقلار، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ھىندىستانلىقلار بولسۇن ياكى قەدىمكى مىسىرلىقلار بولسۇن، ئوخشاش ئۈچ چوڭ مەسىلىگە ـ ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە ئۇرۇشقا دۇچ كەلمەكتە، ئۇلار مەڭگۈ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى چوڭ ئاپەتتۇر.

  ئەۋلادمۇ ئەۋلاد، ئىنسانلار  سانسىزلىغان سايمان،  تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي سىستېمىنى كەشىپ قىلدى، لېكىن يەنىلا نەچچە مىليون ئادەم ئاچارچىلىق، تارقىلىشچان كېسەل ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلار ۋە پەيلاسوپلار ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە ئۇرۇش چوقۇم تەڭرىنىڭ پۈتكۈل ئالەم پىلانىنىڭ بىر قىسمى ياكى ئىنسانلارنىڭ تۇغما مۇكەممەلسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، ۋاقىت سىزىقىنىڭ ئاخىرىغىچە مەڭگۈ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ،دەپ قارىدى.

  لېكىن ئۈچىنچى مىڭ يىل باشلانغان پەيتتە، ئىنسانلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىشنى ھېس قىلىشقا باشلىدى، گەرچە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئىشنى ناھايىتى ئاز ئويلىسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن نەچچە ئون يىل ئىچىدە، بىز ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە ئۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالدۇق.

  ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىلەرنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن ئەڭ مۇھىمى ئىلگىرىكى چۈشەنگىلى بولمايدىغان، كونترول قىلغىلى بولمايدىغان تەبىئىي كۈچتىن، تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان خىرىسقا ئايلاندۇردۇق. ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە ئۇرۇشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشنى ، يەنە كېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى خېلى چوڭقۇر ھىس قىلدۇق. 

   ئەلۋەتتە، بەزى چاغلاردا يەنىلا ئىشلار ئويلىغاندەك بولمايدۇ، شۇڭا بەزىدە مەغلۇبىيەتلەر ئالدىدا، ئىنسانلار ئەمدى مۈرىسىنى قېقىپلا قويماي باشقا ئامال يوق، دۇنيا مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل ئەمەس ياكى بۇ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى دەيدۇ.

    ئەگەر ھازىر يەنە ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە ئۇرۇش پارتلاپ، ۋەزىيەت ئىنسانلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولماي قالسا، بىز چوقۇم قايسى ئادەمدىن چاتاق چىققانلىقىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ تەتقىق قىلىشىمىز، شۇنداقلا ئۆزىمىزگە ۋەدە بېرىپ، كېلەر قېتىم چوقۇم تېخىمۇ ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمىز.

 ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئامال ھەقىقەتەن كارغا كەلدى، بۇ خىل ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە چاستوتىسى ھەقىقەتەن تۆۋەنلەۋاتىدۇ . قىزىقارلىقى، يېقىنقى نەچچە ئون يىل ئىچىدە، ئوزۇقلۇق ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتتى، قېرىلىق سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلارنىڭ سانى ھەتتا ئەسكەرلەر، تېررورچىلار ۋە جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان.

    ئادەمنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتىدىغىنى،  21 ـ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ قۇرغاقچىلىق، ئېبولا ۋىرۇسى ياكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ، ماكدونالدقا ئوخشاش ئەخلەت يېمەكلىكلىرىنى كۆپ يەپ ـ ئىچىپ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىگە يەتمەيدۇ.

      شۇڭا، گەرچە ھەر قايسى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي گېنېراللارنىڭ كۈندىلىك قارالمىسى يەنىلا ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە ھەربىي توقۇنۇش بولسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ماكرولۇق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلار باشقا تەرەپلەرگە قاراپ، باشقا قارالمىلارنى ئىزدەشكە باشلىدى.

   ئەگەر بىز ھەقىقەتەن ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە ئۇرۇشنى كونترول قىلىپ بولغان بولساق، ئۇنداقتا نېمە ئۇنىڭ ئورنىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم قارالمىسىغا ئايلىنىدۇ؟

  خۇددى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تۇيۇقسىزلا ئەمدى ئوت ئاپىتى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندەك، 21 ـ ئەسىرگە كەلگەندە، ئىنسانلار ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر سوئالنى سورىشى كېرەك: بىز ئەمدى نېمە ئىش قىلىمىز؟

   پۈتكۈل دۇنيا شۇنچىلىك ساغلام، گۈللەنگەن ھەم ئىناق، بىز دىققىتىمىز ۋە ئىجادچانلىقىمىزنى قانداق ئىشقا قارىتىشىمىز كېرەك؟

    چۈنكى بىئو پەن ـ تېخنىكا ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنسانلارغا قۇدرەتلىك يېڭى كۈچ ئېلىپ كەلدى، بۇنى ئىشلىتىش مەسىلىسىمۇ ھەسسىلەپ تەخىرسىز بولۇپ قالدى.

  قولىدا بۇ كۈچلەر بولسا، زادى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟  

  بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە ئۇرۇش توغرىسىدا يەنە بىرنەچچە ئېغىز سۆزلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

  نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەسىلىلەر كونترول قىلىندى دېيىش ئىنتايىن چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، ساددا، ھەتتا بىخۇدلۇق قىلغانلىق دەپ قارىشى مۇمكىن.

  يەنە نەچچە مىليارد ئادەم ھەر كۈنى ئاران ئىككى ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمىگەن ۋاقىتتا كۈن ئۆتكۈزىدۇ ئەمەسمۇ؟

  ئافرىقا يەنە ئەيدىز كېسىلى بىلەن تىركىشىۋاتمامدۇ؟

  سۇرىيە بىلەن ئىراقتىمۇ ئۇرۇش ئەۋج ئېلىۋاتمامدۇ؟

  بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن 21ـ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى دۇنيانى تېخىمۇ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىمىز كېرەك؛

   كەلگۈسى نەچچە ئون يىللىق قارالما ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كەلسەك، ئۇ ھەقتە كېيىن سۆزلىشەيلى.

  

بىئولوگىيىلىك نامراتلىق سىزىقى

 

  ماۋ زېدۇڭ ئالدى بىلەن ئاچارچىلىق ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاچارچىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ كەلدى، ھەتتا يېقىندا، كۆپ ساندىكى ئىنسانلار يەنىلا جانلىقلارنىڭ نامراتلىق سىزىقىنىڭ گىرۋىكىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، يەنە ئازراق تۆۋەن بولغاندا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئاچلىق ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ. كىچىك سەۋەنلىك يۈز بەرسىلا ياكى نوقۇل ھالدا تەلىيى ئوڭدىن كەلمىسىلا، پۈتۈن ئائىلە ياكى كەنتنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى مۇمكىن.

   ئەگەر قاتتىق يامغۇر بۇغدايلىقىڭىزنى ۋەيران قىلىۋەتسە، ياكى قاراقچىلار سىز باققان قويلارنى بۇلاپ كەتسە، سىز ۋە ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭىز ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىڭلار مۇمكىن.

   قايسى تارىخىي كىتابنى خالىغانچە ۋاراقلايدىغان بولساق، ھەممىسى دېگۈدەك ئاچارچىلىقنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى، ئادەمنىڭ ئاچلىق ئاستىدا قىلغان غالجىرانە قىلمىشلىرى كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ.

1694 ـ يىلى 4ـ ئايدا، بوۋېيس ئىسىملىك ئەمەلدار  فرانسىيىنىڭ مەلۇم جايىدىكى ئاچارچىلىق ۋ ئاشلىق باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەممىلا يېرىدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن سانسىزلىغان ئاچ ئەرۋاھلارنى تەسۋىرلەيدۇ. خىزمىتى بولمىغاچقا، بولكا سېتىۋېلىشقا پۇلى يوق. قورسىقىنى ئازراق گوللاش ئۈچۈن، بۇ بىچارە كىشىلەر پاكىز بولمىغان نەرسىلەرنى يەيدۇ، مەسىلەن، ئۆلۈك مۈشۈك ياكى تېرىسى سويۇلۇپ گەندە دۆۋىسىگە كىرىپ كەتكەن ئۆلۈك ئاتلار. كالىنى ئۆلتۈرگەندىكى ئېقىپ چىققان قان ھەمدە ھەمدە قاسساپلار ئىتلارغا تاشلاپ بەرگەن ئىچكى ئەزالار،دېگەندەك. بىچارە كىشىلەر ھەتتا سۇدا پىشۇرۇلغان چاققاق، ياۋا ئوت ـ چۆپ، دەرەخ يىلتىزلىرىنى يەيدۇ.

  فىرانسىيەنىڭ باشقا ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنزىرە پەيدا بولىدۇ.

  ئالدىنقى ئىككى يىلدا ھوسۇل ياخشى بولمىغاچقا، پۈتكۈل پادىشاھلىقنىڭ ھوسۇلى ئېغىر دەرىجىدە كېمىيىپ كېتىدۇ. 1694ـ يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە ئاشلىق ئامبىرى پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ.  پۇلدارلار ئامال قىلىپ ئاشلىقنى بېسىۋېلىپ، قىممەت باھادا ساتىدۇ، نۇرغۇن كەمبەغەللەر بولسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. 1692 ـ 1694ـ يىللىرى فرانسىيەدە تەخمىنەن 2 مىليون 800 مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەن بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 15% نى ئىگىلىگەن؛ شۇ ۋاقتلاردا، قۇياش پادىشاھى لۇئى 14 يەنىلا ۋېرسال سارىيىدا ئەيش ئىشرەتكە بېرىلىپ راھەت پاراغەت تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئىككىنچى يىلى يەنى 1695ـ يىلى  ئاچارچىلىق ئېستونىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ دۆلەت نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى زىيانغا ئۇچرايدۇ. 1696ـ يىلى بولسا فىنلاندىيەدە پۇقرالار خالىغانچە قىرغىن قىلىنىپ، تۆتتىن بىر قىسىمدىن ئۈچتىن بىر قىسىمغىچە نوپۇس ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

1695ـ يىلىدىن 1698ـ يىلىغىچە، شوتلاندىيەمۇ ئېغىر ئاچارچىلىققا ئۇچرىغان، قىسمەن رايونلاردا % 20 كە يېقىن ئاھالە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن.

  كۆپ ساندىكى ئوقۇرمەنلەر بىر ۋاق چۈشلۈك تاماقنى ئاز يېيىشنىڭ قانداق تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىشى مۇمكىن،  بەلكىم بەزىلەر دىنىي سەۋەب تۈپەيلىدىن رامازاندا تاماق يېمەسلىكى مۇمكىن، شۇنداقلا ئۇدا بىر نەچچە كۈن كۆكتات مېۋە شەربىتى ئىچىپ، مەلۇم ئالاھىدە ئۈنۈمى بار دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئەگەر ئۇدا نەچچە كۈن ئېغىزغا بىر كاپام يېمەكلىك كىرمىسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى يېمەكلىكنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمىسە، ئادەم يەنە قانداق تۇيغۇدا بولار؟

  بۈگۈنكى كۈندىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەزەلدىن بۇنداق ئازاب ـ ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان، لېكىن ناھايىتى ئەپسۇس، ئەجدادلىرىمىز بۇنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ. ئۇلارغا :  بىزنى ئاچارچىلىقتىن قۇتقۇزۇڭلار ! دەپ توۋلىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلاردا دەل شۇ خىل تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.

 ئۆتكەن نەچچە يۈز يىلدا، پەن ـ تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە سىياسىينىڭ تەرەققىياتى كۈنسېرى كۈچىيىپ، بىخەتەرلىك تورىنى يېيىپ، ئىنسانلارنى جانلىقلار نامراتلىق سىزىقىدىن قۇتۇلدۇردى. گەرچە پات ـ پات كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى  پەقەت ئالاھىدە مىسال دېيىشكە بولىدۇ،  ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى دېگۈدەك ئىنسانلارنىڭ سىياسىي ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، تەبىئىي ئاپەتتىن كېلىپ چىققان ئەمەس.

  دۇنيادا تەبىئەت پەيدا قىلغان ئاچارچىلىق بولغان ئەمەس، پەقەت سىياسىي پەيدا قىلغان ئاچارچىلىقلا بولغان. ئەگەر ھازىر يەنە بەزىلەر سۇرىيە، سۇدان ۋە سومالىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتسە، باش جىنايەتچى ئەمەلىيەتتە دەلا شۇ سىياسەتۋازلاردۇر.

  ھازىر يەر شارىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم جايلىرىدا، بىر ئادەمنىڭ خىزمىتى يوق، ھېچنېمىسى يوق بولغان تەقدىردىمۇ، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. شەخسىي سۇغۇرتا، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە خەلقئارا غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ئۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ھېچ بولمىغاندا يېتەرلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ.

پۈتۈن گەۋدىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەر شارى سودا تورى قۇرغاقچىلىق ۋە كەلكۈن ئاپىتىنى سودا پۇرسىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ، شۇنداقلا ئاشلىق كەمچىل بولۇش كىرىزىسىنى ھەم تېز ھەم تۆۋەن تەننەرختە يېڭەلەيدۇ.

پۈتكۈل دۆلەت ئۇرۇش، يەر تەۋرەش ياكى دېڭىز تاشقىنىنىڭ نابۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، خەلقئارادا ئادەتتە ئاچارچىلىقنىڭ خالىغانچە قىرغىن قىلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلانغىلى بولىدۇ.

گەرچە دۇنيادا ھەر كۈنى يەنىلا نەچچە يۈز مىليون ئادەم ئاچارچىلىقتا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە ھەقىقىي ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەر ناھايىتى ئاز.

  نامراتلىق ھەقىقەتەن باشقىمۇ نۇرغۇن  ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مۆلچەردىكى ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدۇ، يەر شارىدىكى ئەڭ باي دۆلەتلەردىمۇ بۇ مەسىلىدىن ساقلىنالمايدۇ.

مەسىلەن، فىرانسىيەدەك تەرەققىي تاپقان دۆلەتتىمۇ يەنىلا 6 مىليون ئادەم ( تەخمىنەن ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 10 تى ) ئوزۇقلۇق بىخەتەر بولماسلىق ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان، ئەتىگەندە ئويغانغاندا چۈشتە تاماق يېيەلەيدىغان ياكى يېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەسلىك، دائىم ئاچ قورساق ئۇخلاش، بىر نەرسە يېگەن تەقدىردىمۇ، ئوزۇقلۇق ئىنتايىن تەكشىسىز، ساغلام ئەمەس، كۆپ مىقداردا كىراخمال، شېكەر ۋە تۇز بولسىمۇ، ئاقسىل ۋە ۋىتامىن كەمچىل ھالەتتە...

   ئوخشاش ئۆزگىرىش باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى جۇڭگو. خۇاڭدى دەۋرىدىن تارتىپ 20ـ ئەسىرگىچە بولغان جۇڭگودا، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ھەر قايسى دەۋرلەردىكى جۇڭگو جەمئىيىتى ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان. نەچچە ئون يىل ئىلگىرى، جۇڭگو تېخى ئاشلىق كەمچىللىكىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ئىدى. 1974ـ يىلى، تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئاشلىق يىغىنى رىمدا ئېچىلغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى خۇددى ئاخىرقى زامان بولىدىغاندەك پەرەزلەرنى ئاڭلىغان.

  مۇتەخەسسىسلەر ئۇلارغا: جۇڭگونىڭ 1 مىليارد نوپۇسىنى بېقىش ئىمكانىيىتى يوق، يەر شارىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بۇ دۆلەت ئاپەتكە قاراپ ماڭماقتا، دېدى.

لېكىن ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو تارىختىكى ئەڭ چوڭ بىر ئىقتىسادىي مۆجىزىنى ياراتتى.

1974ـ يىلىدىن بۇيان، گەرچە يەنىلا نەچچە يۈز مىليون ئادەم ئاشلىق كەمچىل بولۇش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن قايغۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نەچچە يۈز مىليون جۇڭگولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاچارچىلىقنىڭ ئازابىنى تارتماسلىقى ھىسابلىناتتى.

 ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە، ھەقىقىي ئېغىر بولغىنى ئاچارچىلىق ئەمەس، بەلكى يېمەك ـ ئىچمەك مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى.

18 ـ ئەسىردە ئېيتىلىشىچە، فرانسىيە خانىشى مارى ئانتوۋانىت ئىلگىرى ئاچ قالغان بىچارە ئاممىغا ئەگەر يېگۈدەك بولكا بولمىسا، نېمىشقا تورت يېمەيسىلەر دېگەن.

لېكىن بۈگۈنكى زاماندىكى كىشىلەرگە ھەقىقەتەن شۇنداق سۆز مۇۋاپىق كېلىدۇ.

    بۈگۈنكى كۈندە، بېۋېرلىي تاغلىق كەنتىدە تۇرىدىغان پۇلدارلار خام سەي سالات، دۈملەپ پىشۇرۇلغان دۇفۇ زوخۇڭ لويلا يەيدۇ،  نامراتلار رايونىدا تۇرىدىغان كىچىك قىزلار بولسا ئامېرىكىنىڭ ئۇششاق ـ چۈششەك يېمەكلىكى ، ۋىنكىئې تورتى، چىدو، ھامبۇرگ بولكىسى ۋە پىسانى يەيدۇ. 2014ـ يىلى، پۈتۈن دۇنيادىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئادەم سانى 2 مىليارد  100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن نوپۇس بولسا  850 مىليون.

مۆلچەرلىنىشىچە، 2030ـ يىلىغا بارغاندا، ئىنسانلارنىڭ يېرىمىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدىكەن.  2010ـ يىلى ئاچارچىلىق بىلەن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قوشۇلۇپ تەخمىنەن 1 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، لېكىن سېمىزلىك 3 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

 

كۆرۈنمەس فلوت

 

  ئاچارچىلىقتىن قالسا، ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى چوڭ دۈشمىنى ۋابا ۋە يۇقۇملۇق كېسەل.  

ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرىدىغان سودىگەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە تاۋاپ قىلغۇچىلار بىلەن تۇتاشقان ئاۋات شەھەرلەر ھەم ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل تېشى، ھەم كېسەللىك باكتېرىيەلىرى كۆپىيىدىغان پارنىك ئىدى.

  شۇ سەۋەبتىن، قەدىمكى ئافېنا ياكى ئوتتۇرا  فلورېنسادىكى ئاممىنىڭ كۆڭلىدە سان بولىدىغان بولدى، بەزىلەر تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە، ئاغرىپ قېلىپ، قىسقىغىنە بىر ھەپتىدە ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇشى؛ مەلۇم تارقىلىشچان كېسەل تۇيۇقسىز تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى بىراقلا ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

   ئەڭ داڭلىق بىر قېتىملىق تارقىلىشچان كېسەل دەل چۇما بولۇپ، 14ـ ئەسىرنىڭ 30ـ يىللىرىدىكى شەرقىي ئاسىيا ياكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەلۇم يېرىدە باشلانغان، بۈرگىنىڭ بەدىنىگە ماكانلاشقان چۇما تاياقچە باكتېرىيەسى بۈرگىنىڭ چېقىشى ئارقىلىق ئىنسانلارنى يۇقۇملاندۇرغان. بۇ ۋابا زور قوشۇنى چاشقان ۋە بۈرگىلەردىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئاسىيا، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقىغا تېز سۈرەتتە يامراپ، 20 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىغا يېتىپ باردى، شۇ چاغدىكى قازا قىلغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 75 مىليوندىن 200 مىليونغىچە بولۇپ، پۈتكۈل ياۋروپا ـ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەنگلىيەدە ھەر 10 ئادەمدىن تۆتى ئۆلۈپ، نوپۇس ۋابادىن بۇرۇنقى 3 مىليون 700 مىڭدىن ۋابادىن كېيىنكى 2 مىليون 200 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. فلورېنسىيەدىكى 100 مىڭ ئاھالىدىن يېرىمى يەنى 50 مىڭى بەختكە قارشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

  بۇ زور ئاپەت ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى پۈتۈنلەي ئامالسىز قېلىپ، پەقەت كەڭ ئاممىنى ئىبادەت ۋە نامايىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئەمما كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى قانداق توسۇشنىمۇ زادىلا بىلەلمىدى،

   يېقىنقى زاماندىن بۇرۇن، ئىنسانلار كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى ھاۋانىڭ ياخشى بولماسلىقى، ئىبلىسنىڭ نىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى ئىلاھنىڭ ئاچچىقلىنىشى سەۋەبىدىن دەپ قارىغان بولسىمۇ، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئويلاپ باقمىغان. كىشىلەر پەرىشتە ياكى پەرىزاتنىڭ بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ، ئەمما پەقەت بىر كىچىك بۈرگە ياكى بىر تامچە سۇنىڭ خۇددى پۈتۈن فلوتقا ئوخشاش جانغا زامىن بولىدىغان ئوۋچىلارنى ئېلىپ يۈرۈشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.

  چۇما كېسىلى يەككە ھادىسە ئەمەس، شۇنداقلا تارىختىكى ئەڭ ئېغىر ۋابامۇ ئەمەس. ئىلگىرى تېخىمۇ زور ئاپەت تۇنجى تۈركۈمدىكى ياۋروپالىقلارنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ كېلىپ،  ئامېرىكا، ئوكيانىيە ۋە تىنچ ئوكيان ئاراللىرىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ ياۋروپالىق ئېكسپېدىتسىيەچىلەر ۋە كۆچمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى كەمچىل بولغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بارلىقىنى، % 90 كە يېقىن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلمەيتتى.

1520ـ يىلى 3ـ ئاينىڭ 5ـ كۈنى، بىر كىچىك تىپتىكى ئىسپانىيە فلوتى كۇبادىن ئايرىلىپ، مېكسىكىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ كېمىلەرگە 900 نەپەر ئىسپانىيە ئەسكىرى، ئات، قورال ـ ياراغ، شۇنداقلا بىر قانچە ئافرىقىلىق قۇل قاچىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە فرانسېسكو دې ئەيگۇييا ئىسىملىك قۇلنىڭ تېنىدە  جانغا زامىن بىر نەرسە بار ئىدى. بۇنىڭدىن فرانسېسكو ئۆزى قىلچە خەۋەرسىز ئىدى، ئۇنىڭ نەچچە تىرىليون ھۈجەيرىسى ئىچىدە چىكىلىداپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان بىر قەرەللىك بومبا -- چېچەك ۋىرۇسى بار ئىدى. فرانسېسكو مېكسىكىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ۋىرۇس ئۇنىڭ بەدىنىدە كۆرسەتكۈچلۈك دەرىجىدە كۆپىيىشكە باشلىدى.

  ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ تېرىسىدە قورقۇنچلۇق قاپارتما پەيدا بولدى.

  ئۇنىڭ قىزىتمىسى يانماي، سىمپوللان بازىرىدىكى بىر ئامېرىكا قىتەسىلىك يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنىپ، كارىۋاتتا ئارام ئالىدۇ. ئۇ بۇ ئائىلىدىكىلەرنى يوقۇملاندۇرىدۇ، بۇ ئائىلىدىكىلەر يەنە قوشنىلىرىنى يوقۇملاندۇرىدۇ، قىسقىغىنە 10 كۈندە سىمپوللان بازىرى قەبرىستانلىققا ئايلىنىدۇ. مۇساپىرلار ئالاقزادە بولۇپ قېچىپ چىقىپ، چېچەكنى سىمپوللاندىن قوشنا شەھەر ـ بازارلارغا يەتكۈزىدۇ. كىچىك بازاردا بىرمۇ ئادەم ئامان قالمايدۇ، قورقۇپ كەتكەن مۇساپىرلار كەينى ـ كەينىدىن قېچىپ، چېچەكنى پۈتكۈل مېكسىكىغا ھەتتا دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىپ چەتئەللەرگە ئېلىپ كېتىدۇ.

    يۇكاتان يېرىم ئارىلىدا ئولتۇراقلاشقان مايالارنىڭ قارىشىچە، ئۈچ نەپەر يامان ئىلاھ ئەكپۇز، ئۇزانكاك ۋە سوياكاك بولۇپ، كەچتە بىر كەنتتىن يەنە بىر كەنتكە ئۇچۇپ بېرىپ، ئادەمگە بۇ خىل يامان كېسەلنى يۇقتۇرغان. ئازتېكلار بولسا، تزكات لىپوكا ۋە سىپېيتوتىكتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىلاھنى ئەيىبلەيدۇ، ياكى ئاق تەنلىكلەر مەلۇم قارا سېھىرگەرلىكنى ئىشقا سالدى دەپ قارايدۇ. بىمارلار راھىب ۋە دوختۇرنى ئىزدەپ تاپىدۇ، ئۇلار بىمارلارغا تىلاۋەت قىلىش، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، بەدىنىنى بور مېيى بىلەن سۈرتۈش، شۇنداقلا قارا قوڭغۇزنى يانجىپ يارا ئېغىزىغا سۈركەش تەكلىپىنى بېرىدۇ، ئەپسۇس ئۇلار پۈتۈنلەي بىھۇدە ئاۋارە بولىدۇ. مىڭلىغان ـ تۈمەنلىگەن جەسەتلەر كوچىلاردا چىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھېچكىم يېقىنلىشىشقا، دەپنە قىلىشقا جۈرەت قىلالمايدۇ. نۇرغۇن ئائىلىلەر قىسقىغىنا نەچچە كۈندە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. دائىرىلەر ئۆينى بىراقلا ئۆرۈۋېتىپ جەسەتلەرنى كۆمۈۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. بەزى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نۇقتىلاردا ئۆلگەنلەر ئومۇمىي ئاھالىنىڭ يېرىمىغا يېتىدۇ.

1520ـ يىلى 9ـ ئايدا يۇقۇم ئەھۋالى مېكسىكا جىلغىسىغا تارقىلىدۇ؛ 10ـ ئايدا ئازتېكنىڭ پايتەختى تنوچتتلەند شەھىرىگە كىرىدۇ. ئەينى چاغدا بۇ شەھەر نوپۇسى 250 مىڭغا يېتىدىغان ھەيۋەتلىك شەھەر ئىدى، ئىككى ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچتىن بىر قىسىم نوپۇس قىرىلىپ كەتتى، ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىچىدە ئازىتكنىڭ پادىشاھى كۇيىتلاخۇئاكمۇ بار ئىدى.

1520ـ يىلى 3ـ ئايدا ئىسپانىيە فىلوتى يېتىپ كەلگەندە، مېكسىكىنىڭ ئەسلىدىكى 22 مىليون نوپۇسى 12ـ ئايغا كەلگەندە، ئاران 14 مىليونغا چۈشۈپ قالىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە چېچەك پەقەت بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇم ئىدى.

 ئىسپانىيىدىن كەلگەن يېڭى خوجايىنلار ئۆزىنىڭ يېنىنى سەمرىتىش، يەرلىك كىشىلەردىن ئالۋاڭ ـ سېلىق ئېلىش بىلەن ئالدىراش يۈرگەندە، تارقىلىشچان زۇكام، قىزىل قاتارلىق ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللەر مېكسىكىغا ئارقا ـ ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىدۇ؛ 1580ـ يىلىغا كەلگەندە، بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسى 2 مىليوندىنمۇ ئازلاپ كېتىدۇ.

  ئىككى ئەسىردىن كېيىن، ئەنگلىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى جامېس كۇك  كاپىتان 1778ـ يىلى 1ـ ئاينىڭ 18ـ كۈنى ھاۋايغا كېلىدۇ. ھاۋاي تاقىم ئارىلىدا ئەينى ۋاقىتتا ئاھالە ئىنتايىن زىچ بولۇپ، توپتوغرا 500 مىڭ ئادەم بار ئىدى، بۇ كىشىلەر ئەزەلدىن ياۋروپا ياكى ئامېرىكا بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، شۇڭا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ كېسەللىكلىرى ئەزەلدىن بۇ يەرگە يېقىن يولىمىغان ئىدى.

  كۇك كاپىتان قاتارلىقلار مانا مۇشۇنداق قىلىپ بىرىنچى تۈركۈمدىكى تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ۋە سىفىلىس كېسىلى قوزغاتقۇچىلارنى ھاۋايغا ئېلىپ كىرگەن، كېيىن كەلگەن ياۋروپالىقلار يەنە كېزىك ۋە چېچەك ۋىرۇسى ئېلىپ كەلگەن.

1853ـ يىلىغا كەلگەندە ھاۋاينىڭ نوپۇسى ئاران 70 مىڭغا چۈشۈپ قالغان.

  ۋاقىت 20ـ ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىنمۇ، ھەر خىل تارقىلىشچان كېسەللەر يەنىلا نەچچە ئون مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى داۋاملىق تۈردە نابۇت قىلدى.

  1918 ـ يىلى 1ـ ئايدا، فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى ئاكوپتا تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەر بىر خىل ئالاھىدە كۈچلۈك تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىشقا باشلىغان، بۇ ئادەتتە ئىسپانىيە تارقىلىشچان زۇكىمى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، نەچچە مىڭ ئادەم مۇشۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئەينى چاغدىكى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئالدىنقى سېپىنىڭ كەينىدە يەر شارى بويىچە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەمىنلەش تورى بار ئىدى: ئەسكەرلەر ۋە ئوق دورىلار ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان، ئاۋسترالىيەدىن زور تۈركۈمدە ئېقىپ كېلەتتى، بېنزىن ئوتتۇرا شەرقتىن، دانلىق زىرائەت ۋە كالا گۆشى ئارگېنتىنادىن، كاۋچۇك مالايسىيادىن، مىس بولسا كونگودىن كېلەتتى.

  شۇنىڭغا ماس ھالدا، بۇ جايلارنىڭ ھەممىسى ئىسپانىيە تارقىلىشچان زۇكىمى بىلەن يوقۇملاندى.

  قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، تەخمىنەن 500 مىليون ئادەم ( يەر شارى نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ) ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. ھىندىستاندا 15 مىليون نوپۇسنىڭ % 5 تى مۇشۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ؛ تاخىتى ئارىلى % 14، ساموئا % 20، كونگودىكى مىس كانلىرىدا بولسا بەشتىن بىر قىسىم ئىشچى مۇشۇ سەۋەبتىن قازا قىلىدۇ. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بۇ قېتىمقى تارقىلىشچان زۇكام تەخمىنەن 50 مىليوندىن 100 مىليونغىچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ.

   سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، 1914ـ يىلىدىن 1918ـ يىلىغىچە بولغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 40 مىليون ئىدى.

  ھەر نەچچە ئون يىلدا مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى تارقىلىشچان كېسەللىك بورىنى ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك، ئەمما چاستوتىسى بىر قەدەر يۇقىرى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ھەر يىلى نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئېلىپ كېتىدۇ.

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئاسانلا كېسەل يۇقتۇرىۋالىدۇ، شۇڭا بەزىلەر تارقىلىشچان كېسەلنى بالىلار كېسىلى دەپمۇ ئاتايدۇ.

تاكى 20ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، يەنە تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم بالىلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ.

20ـ ئەسىردە، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى شۇنداقلا قاتناش ـ تىرانسپورتنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئىنسانلار تارقىلىشچان كېسەلنىڭ زىيىنىغا تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى.

  تارقىلىشچان كېسەلنىڭ پاتوگېنى ئۈچۈن ئېيتقاندا، توكيو ياكى كىنشاساغا ئوخشاش بۇ خىل زامانىۋى چوڭ شەھەرلەر، ئوتتۇرا ئەسىردىكى فلورېنسىيە ياكى 1520ـ يىلىدىكى تېنوچىتىلەنگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ئوۋ مەيدانى بولۇپ قالىدۇ، يەر شارى قاتناش ـ ترانسپورت تورىنىڭ ئۈنۈمىمۇ 1918ـ يىلىدىكىدىن خېلىلا يۇقىرى.

 ھازىر، بىر تال ئىسپانىيە ۋىرۇسى 24 سائەتكە قالمايلا كونگو ياكى كىرىمنىي جىلغىسى رايونىغا يېتىپ بارالايدۇ.

  دېمەك، ھازىرقى دۇنيا بالدۇرلا ئەجەللىك ۋابا نۆۋەتلىشىپ يامرايدىغان دوزاخ بوپقالغان بولسا كېرەك.

   كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا تارقىلىشچان كېسەلنىڭ تارقىلىش دەرىجىسى ياكى تەسىرى جەھەتتە بولسۇن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. بولۇپمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يەتتى، ئۆلۈپ كەتكەن بالا % 5 گە چۈشكەنىدى .

   تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە بۇ سان ھەتتا 1% كىمۇ يەتمەيدۇ.

 بۇ مۆجىزىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، 20 ـ ئەسىردىكى مېدىتسىنا مىسلى كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەرگە يېتىپ، ئىنسانلارنى ۋاكسىنا، ئانتىبىئوتىك، تېخىمۇ ياخشى سەھىيە شارائىتى ۋە تېخىمۇ ياخشى داۋالاش ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

    مىسالغا ئالساق، يەر شارى بويىچە چېچەك ۋاكسىنىسى ئەملەش ھەرىكىتى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1979ـ يىلى ئىنسانلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، چېچەك كېسىلى تەلتۆكۈس يوقىتىلدى. 

  بۇ ئىنسانلارنىڭ مەلۇم بىر تارقىلىشچان كېسەلنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەر شارىدىن يوقىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

چېچەك 1967ـ يىلى 15 مىليون ئادەمنى يۇقۇملاندۇرۇپ، 2 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، لېكىن 2014ـ يىلىغا كەلگەندە، ھېچقانداق بىر ئادەم چېچەك بىلەن يۇقۇملانمىغان ياكى شۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلمىغان.

  بۇ بىر مەيدان ئۈزۈل ـ كېسىل غەلىبە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەتتا ئىنسانلارغا چېچەك ۋاكسىنىسى ئەملىمەيدىغان بولدى.

   ھەر بىر نەچچە يىلدا، بەزىلەر يەنە ئېغىر يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بېرىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ، مەسىلەن، 2002ـ يىلىدىن 2003ـ يىلىغىچە بولغان تىپىك بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى يەنى سارس، 2005ـ يىلىدىكى قۇش زۇكىمى، 2009ـ يىلىدىن 2010ـ يىلىغىچە بولغان چوشقا تارقىلىشچان زۇكىمى، شۇنداقلا 2014ـ يىلىدىكى ئېبولا يۇقۇمى.

    ئەمما ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىگە تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى نىسبەتەن ئاز بولدى.

  تىپىك بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىنى مىسالغا ئالساق، ئەسلىدە كىشىلەرنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ، ئۇنىڭ يېڭى بىر دولقۇندىكى چۇما كېسىلىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەر شارىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1000 غا يەتمىگەن، يۇقۇم ئەھۋالى ناھايىتى تېزلا بېسىققان.

   غەربىي ئافرىقىدا ئېبولا يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىن، ئەسلىدە بارا ـ بارا كونتروللۇقىنى يوقاتقاندەك قىلاتتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ 2014ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 26ـ كۈنى بۇ يۇقۇم ئەھۋالىنى يېقىنقى زاماندا كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ۋەقەسى دەپ ئاتىغان.

  شۇنداق بولسىمۇ، يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا 2015ـ يىلىنىڭ بېشىدا تىزگىنلەندى؛

  2016 ـ يىلى 1ـ ئايغا كەلگەندە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ بېسىققانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار جەمىي 30 مىڭ ئادەم ( بۇنىڭ ئىچىدە 11 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ) بولۇپ، پۈتكۈل غەربىي ئافرىقا زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان، تەشۋىشلىنىش خۇددى يەر تەۋرەش دولقۇنىدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان؛

ئەمما ئېبولا يۇقۇمى غەربىي ئافرىقىدا ئىزچىل كونترول قىلىندى، قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئىسپانىيە تارقىلىشچان زۇكىمى ياكى مېكسىكىنىڭ چېچەك يۇقۇمىغا يەتمەيدۇ.

  ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئەيدىز كېسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنى بەلكىم ئەڭ چوڭ بىر مەيدان داۋالاش مەغلوبىيىتى دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇ تراگېدىيە بولغان تەقدىردىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇنى يەنىلا ئىلگىرىلەشنىڭ سىمۋولى دېيىشكە بولىدۇ.

  20 ـ ئەسىرنىڭ 80ـ يىللىرىنىڭ بېشىدا ئەيدىز يۇقۇمى تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ، 30 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە ئون مىليون ئادەم جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازاب چەككەن.

    ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ خىل يېڭىچە يۇقۇملۇق كېسەل ناھايىتى ھىيلىگەر بولۇپ، ئادەمنىڭ باش ـ ئايىغىنى ئېنىقلاپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش تەسكە توختايدۇ.

     ئەگەر چېچەك بىلەن يۇقۇملانسا، بىمار نەچچە كۈن ئىچىدىلا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، ئەمما ئەيچ ئاي ۋى نەتىجىسى مۇسبەت بولغان بىمارنىڭ نەچچە ئاي، ھەتتا نەچچە يىل يوشۇرۇن مەزگىلى بولۇشى مۇمكىن، قارىماققا ساغلام كۆرۈنىدۇ، دەسلەپكى نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىللىق يۇشۇرۇن مەزگىلدە ھەتتا تەكشۈرسىمۇ چىقمايدۇ.

  ئەمما ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا باشقىلارنى داۋاملىق يۇقۇملاندۇرۇشى مۇمكىن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز  ۋىرۇسى ئەسلىدىنلا ئادەمنى ھالاكەت گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ، بەلكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، بىمارنى باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىتىدۇ.

  ئەيدىز بىمارلىرىنى ھەقىقىي ئۆلتۈرگىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىلەمچى كېسەللىكلەر.

  شۇڭا، ئەيدىز كېسىلى يامراشقا باشلىغاندا، كۆپچىلىكنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىشى تەس.

  1981ـ يىلى نيۇيوركتىكى بىر دوختۇرخانا ئىككى بىمارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان، بىرى ئېنىقلا ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، يەنە بىرى راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، ئەينى چاغدا بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي بىلگىلى بولمايتتى، يۇقۇملىنىش ۋاقتى پەقەت بىر نەچچە ئايلا بولۇشى، شۇنداقلا نەچچە يىلغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.

   گەرچە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تېببىي ساھەدىكىلەر بۇ خىل سىرلىق يېڭىچە يۇقۇملۇق كېسەلنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، قىسقىغىنا ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا بۇ خىل ۋىرۇسنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭ تارقىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىدى ھەم يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يەنە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان دورا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى چوقۇم ئۆلۈپ كېتىشتىن شۈبھىسىزكى بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە ئايلاندۇردى ( ھېچ بولمىغاندا يېتەرلىك پۇلى بار، داۋالاش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ).

  ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى 1981ـ يىلى ئەمەس، بەلكى 1581ـ يىلى بولسا، ئەھۋال قانداق بولار؟

    ئەينى چاغدا يۇقۇمنىڭ مەنبەسىنى پۈتۈنلەي تاپقىلى بولماسلىقى، ئۇنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقىنى بىلگى

展开阅读全文
赞(123) 打赏(2)
推荐文章
135******03 棒棒哒!支持

三个月前 赞(0)