پۇل مۇئامىلە

تالمۇد

يوللانغان ۋاقتى :2023-07-21 总浏览:174


تالمۇد


 تەرجىمىدە : ئابدۇسەمەت ئىمىن كۆكتېكىن

 

   يەھۇدىيلار دۇنيادىكى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن ئاز ساندىكى مەدەنىيەت توپى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئوردا ۋە ئىمارەتلەرنى قالدۇرمىدى، كىشىلەرگە يېقىملىق مۇزىكىلارنىمۇ قالدۇرمىدى، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر قالدۇرغىنى ئەقىل ـ پاراسەت، ئەقىل ـ پاراسەت بارلىق بايلىقنىڭ مەنبەسى.

يېقىنقى 1000 يىلغا كەلگەندە، يەھۇدىيلار ئەنە شۇ ئەقىل ـ پاراسىتىگە تايىنىپ دۇنيادىكى بىرىنچى سودىگەرلەر تەختىگە چىقتى، ئۇلارنىڭ باشقا ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمۇ دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى.

يەھۇدىيلارنى چۈشەنمىگەنلىك دۇنيانى چۈشەنمىگەنلىك بىلەن باراۋەر.

يەھۇدىيلار دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتتى.

يەنە بەزىلەر: «ئۈچ يەھۇدىي بىر يەردە ئولتۇرسا، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ» دېيىشىدۇ.

يەھۇدىيلارنىڭ بايلىقىغا نىسبەتەن، ئىنتايىن كىلاسسىك بىر قاراش بار: پۈتۈن دۇنيانىڭ پۇلى ئامېرىكىلىقلارنىڭ يانچۇقىدا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ پۇلى بولسا يەھۇدىيلارنىڭ يانچۇقىدا.

يەھۇدىيلارنىڭ بۇنداق مۇنەۋۋەرلىكى دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ، مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ مىللەت، دۇنيا ئەھلىنىڭ قىزىقىشىنى، شۇنداقلا ھەسىتىنى قوزغىدى.

ئەلۋەتتە، يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيانى ئەڭ قايىل قىلىدىغىنى، ئۇلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايلىقى ۋە خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارى.

يەھۇدىيلار سىرلىق مىللەت، ئۇلار دۇنيادىكى ئاز ساندىكى كىشىلەر، ئەمما دۇنيادىكى غايەت زور بايلىقنى ئىگىلىگەن؛ ئۇلار مىڭ يىللىق ئار ـ نومۇسقا ئۇچراپ، ھەممىلا يەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ھەممە يەردە سەرگەردان بولسىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايلىقى بار .

ئۇلار مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەرىكىتى سىرلىق بولۇپ، كىشىلەرگە سىرلىق تۇيۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چوڭ دۆلىتى، زور نوپۇسى، تەبىئىي بايلىقلىرى يوق، لېكىن باشتىن ـ ئاخىر پۇلنىڭ چوققىسىدا، ھوقۇقنىڭ مەركىزىدە تۇرىدۇ.

1000 يىللاردىن بۇيان، يەھۇدىيلارنىڭ پۇلى كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما بولۇپ كەلدى. ھەممە ئادەم دېگۈدەك يەھۇدىيلار ئىگە بولغان غايەت زور بايلىققا قىزىقىدۇ. خرىستىئان باستېرلىرى ئۇلارنى ھاقارەتلەپ، يەھۇدىيلار  پۇلغا چوقۇنىدىغان ئالۋاستى، دۇنيادىكى ئاقسۆڭەكلەر ۋە بەگلەر بولسا يەھۇدىيلارنىڭ پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جان ـ جەھلى بىلەن  يەھۇدىي بايلىرىغا خۇشامەت قىلىدۇ، دەيدۇ.

  يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرغۇچىلار يەھۇدىيلار ئىگىلىگەن غايەت زور بايلىقتىن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، لېكىن ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ، يەھۇدىيلار بولسا ئۆزى ئىگىلىگەن غايەت زور بايلىقتىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بېيىش مەخپىيىتى ئەزەلدىن باشقىلارغا تارقالمايدۇ،كىشىلەر ئۇلارنىڭ باي بولۇشىنىڭ سىرىغا، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدە ھەيران قالىدۇ ۋە ھەۋەس قىلىدۇ.

يەھۇدىيلار دۇنيادىكى ئەڭ باي مىللەت، «دۇنيادىكى ئالتۇن كان، يەھۇدىي نوپۇسىنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران % 0.3 بولسىمۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ.

  ئامېرىكىدا يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران % 3  ، ئەمما «بايلىق» ژۇرنىلى باھالاپ چىققان دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار ئىچىدە يەھۇدىيلار ئەۋلادىدىن بولغان كارخانىچىلار %20 ـ % 25 نى ئىگىلەيدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار كارخانىچىلار ئىچىدە يەھۇدىيلار غايەت زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

  ئەگەر مۇۋاپىق پەرەز قىلساق، يەھۇدىيلار پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ تەخمىنەن 20% نى ئىگىلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يەھۇدىيلار ئىسمى جىسمىغا لايىق دۇنيادىكى ئەڭ باي مىللەت.ئەگەر باي سودا ماگناتى دېيىلسە، يەھۇدىيلارنىڭ توپى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

مەسىلەن، كارخانا ساھەسىدىكى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان بىر قىسىم يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي قان سىستېمىسىدىكى كىشىلەر ئىچىدە، پراۋئېد شىركىتىنىڭ ئېدۋېننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. راند، غەرب نېفىت شىركىتىدىن لىئون. خېس، كولۇمبىيە رادىئو شىركىتىدىن ۋىليام. پېلى، غەربىي شىمال سانائەت شىركىتىنىڭ بېن. خىنېمان، ئۈچ بۇرجەك نەشىرىيات شىركىتى ۋولتېر. ئاننېنبېرگ، بىرلەشمە يېمەكلىك شىركىتىدىن نېيسېن. كامىنس، دۇباڭ شىركىتى يېڭى كەلگەن ئوۋېن. شارپىلو، داليۇدا دانلىق زىرائەت شىركىتىدىن مىشېل. فرىبۇرگ، MOA دىكى لېۋىس. ۋورسېمان، شۈنجى شىركىتىدىكى مىسسۇرەم. رىكىس، بوسنا جەمەتىدىكى بارلىق شىركەتلەردىن ۋىكتور. پارىسنا، دېڭىز قولتۇقى ۋە غەرب سانائەت شىركىتىدىن چارلىس. بلۇدخوئىن، بېرلېس شىركىتى مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە بېندىكس شىركىتىنىڭ W مىشېل. بوسۇمېنچېل، سىگلېس شىركىتىدىكى ئېدگار، بروۋمان، يەنە فېدېراتسىيە رادىئو شىركىتىدىن لونارد. گېدېڭسېن قاتارلىقلار. دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئەڭ نوپۇزلۇق يەھۇدىيلار بىرلەشمىسى ۋە پاراۋانلىق فوندى بىرلەشمىسىدە ئىشلەنگەن "ئامېرىكا يەھۇدىيلىرى ئېغىز تەتقىقاتى" دىن بايقىلىشىچە، 70-يىللاردا يەھۇدىيلار ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 12 مىليون 630 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان. شۇ مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 9867 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن%38 يۇقىرى بولغان.

ئەمەلىيەتتە، يەھۇدىيلار ھەقىقەتەن يۇقىرى تەبىقە ئىچىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئورۇننى ئىگىلىدى.

53 مىليون ئامېرىكا ئائىلىسى ئىچىدە,13 مىليون ئائىلە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىغا تەۋە,10 مىليون يەھۇدىي ئائىلىسى ئىچىدە,900 مىڭغا يېقىن ئائىلە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمىغا تەۋە.

يەھۇدىيلار ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ ئاران 3% ئىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن 43% يەھۇدىي ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 16 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، پۈتۈن ئامېرىكىدا ئاران 25% ئائىلە كىرىمى 15 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ سانلاردىن قارىغاندا، بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى، يۇقىرى سىنىپتىكىلەرنىڭ كىرىم نىسبىتى ئامېرىكىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى.

ئۇلارنىڭ يېرىمى بۇرژۇئازىيەچە راھەت ـ پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بۇمۇ كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىنتايىن زور ھەسەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 

دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا قانۇنلىرى يوق، ئۇلار پۈتۈمگە تايىنىپ ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغىنى پۈتۈم، ئۇلارنىڭ پۈتۈمىدە بارلىق ئاساسلىق تەرەپلەر بەلگىلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى نۇرغۇن سودا قائىدىلىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنى بۇ مۇكەممەل قائىدە ئىچىدە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

يەھۇدىيلار ئادەتتە «سودىگەرلەر مىللىتى» دەپ ئاتىلىدۇ، نۇرغۇن چاغلاردا، دائىم «قانۇن مىللىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ ئىككى نام ئوتتۇرىسىدا ئازراقمۇ توقۇنۇش يوق، ئىككىنى بىر قىلىشقا تامامەن بولىدۇ، يەنى سودا قانۇنىدىكى مىللەت.

  يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قانۇننىڭ ئەھمىيىتى باشقا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

  يەھۇدىيلار كېلىپ چىقىش مەنبەسى تۇراقسىز بولۇپ، قەبىلىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن، ئولتۇراقلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە چوڭ قالايمىقانچىلىق قاينىمىغا كىرىپ كەتكەن، نەتىجىدە يەھۇدىي مىللىتىنىڭ مىللىي چېگرا بەلگىسىدە قانداشلىق ۋە رايوندىن ئىبارەت ئىككى ئەڭ ئاساسىي ئامىل كەمچىل بولغان.

ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەھۇدىي مىللىتىنى     تەرەپ ـ تەرەپتىن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ھالەتتە ساقلاپ قالالايدىغىنى يەنىلا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدۇر. 

  يەھۇدىي مىللىتى ئىرقىي مەنىدىن ئېيتقاندا ئېچىۋېتىلگەن مىللەت، ئۇ مىللەت ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىنى مۇقەددەس كىتابلىرىغا ئەمەل قىلىش ـ قىلماسلىق بىلەن بېكىتىدۇ.

يەھۇدىي مىللىتىنىڭ قانۇن روھى كلاسسىك كىتاب «تالمۇد» تا ئەكس ئېتىدۇ.

تالمۇد نى 2000 دىن ئارتۇق ئالىم 1000 يىلدىن ئارتۇق مۇزاكىرە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا يېزىپ چىققان، كېيىنكىلەر بۇ ئالىملارنىڭ ئاساسلىق كۆز قارىشى ۋە پىكىرلىرىنى جەملەپ چىققان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ جەۋھىرى، ئۇنىڭ ئۆزىدە ئېنىق جاۋاب يوق. شۇڭا، قاتتىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر قانۇن كىتابى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن كىتاب، ھەر بىر يەھۇدىينىڭ تەتقىقاتىدا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بار.

  يەھۇدىيلارنىڭ «تالمۇد» نى بىللە ئۆگەنگەن چاغلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆگىنىپ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدۇر.

تالمۇد قانۇن مەسىلىسىنىڭ بىردىنبىر نوپۇزلۇق چۈشەندۈرۈشى ئەمەس.

يەھۇدىي مائارىپى كىشىلەرنى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار «تالمۇد» نى پىششىق يادلىۋالغان تەقدىردىمۇ، ياخشى ئوقۇغۇچى ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى «تالمۇد» تىكى ھەممىسى باشقىلارنىڭ مۇنازىرە پىكرى، سىز چوقۇم ئۆز قارىشىڭىزنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ بايان قىلىشىڭىز كېرەك.

تالمۇد يەھۇدىي قانۇنلىرىنىڭ قامۇسى بولۇپ، مەزمۇنى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ۋە ئۆرنەك ئېلىشىڭىزغا بولىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ھەرىكەت قىبلىنامىسى ئەمەس. تالمۇد كۆپلىگەن يەھۇدىي ئالىملىرىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئوقۇرمەنلەر بۇ ئالىمنىڭ قارىشىغا قوشۇلسىمۇ، يەنە بىر ئالىمنىڭ پىكرىگە قوشۇلمىسىمۇ بولىدۇ.

 

تالمۇدتا مۇنداق بىر ھېكايە خاتىرىلىنىپ، بۇ مەسىلە چۈشەندۈرۈلگەن:

  مىمېر دوستى سىنەييىدىن: «سىز قانۇن ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيسىز، ماڭا نېمىنىڭ يەھۇدىي قانۇنى توپلىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟» دەپ سورىدى،

سىننەييى مۇنداق دېدى:

  - مىمېر، مەن سىزگە مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرسەم بولىدۇ، مەن ئاۋۋال سىزدىن سوئال سورىسام بولامدۇ؟  ئەگەر ئىككى يەھۇدىي بىر ئېگىز تۇرخۇندىن چۈشۈپ كەتسە، بىرىنىڭ بەدىنى كۈل بىلەن بۇلغىنىپ كېتىدۇ، يەنە بىرى بولسا ناھايىتى پاكىز، ئۇنداقتا، ئۇلاردىن كىم بېرىپ يۇيۇنىدۇ؟

 -ئەلۋەتتە بەدىنى مەينەت ئادەم. 

 -سىز خاتالاشتىڭىز، ئۇ يەنە بىر پاكىز چىققان ئادەمگە قاراپ: مېنىڭ بەدىنىممۇ چوقۇم پاكىز دەپ ئويلايدۇ،بەدىنى پاكىز كىشى بولسا، كۈل بىلەن مەينەت بوپ كەتكەن كىشىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش مەينەت بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇ يۇيۇنغىلى بارىدۇ.

 - نېمىدېگەن غەلىتە،-ممېر غۇدۇڭشۇپ قويدى.

 - مەن يەنە بىر سوئال سوراي، ئۇلار ئىككىسى كېيىن يەنە ئېگىز تۇرخۇندىن چۈشۈپ كەتسە، كىم يۇيۇنىدۇ؟-دەپ سورىدى سىنەييى. .

 - بىلدىم، ھېلىقى پاكىز ئادەم.

 - ياق، سىز يەنە خاتالاشتىڭىز، بەدىنى پاكىز كىشى يۇيۇناي دەپ بېرىپ قارىسا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە مەينەت ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ، ھېلىقى مەينەت بولۇپ كەتكەن كىشى بولسا دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ئۇ ھېلىقى پاكىز ئادەمنىڭ نېمىشقا يۇيۇنغىلى بارغانلىقىنى چۈشىنىپ قالىدۇ، شۇڭا، بۇ قېتىم ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ يۇيۇنىدۇ.

  مىمېر كۈلۈپ كەتتى.

 -  مەن سىزدىن يەنە ئۈچىنچى سوئالنى سوراپ باقاي، ئۇلار ئىككىسى ئۈچىنچى قېتىم تۇرخۇندىن چۈشۈپ كەتسە، يەنە كىم يۇيۇنىدۇ؟

 - ئەمدى ئەلۋەتتە مەينەت بولۇپ كەتكەن ئادەم ماڭىدۇ.

 - ياق، سىز يەنىلا خاتالاشتىڭىز! سىز ئىككى ئادەمنىڭ ئوخشاش بىر تۇرخۇندىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، بىرىنىڭ پاكىز، يەنە بىرىنىڭ مەينەت بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟

  ...................

  مانا بۇ تالمۇد.

  تالمۇدنىڭ سىزگە دېمەكچى بولغىنى، ئۆزىڭىز كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلسىڭىز، ئاندىن ھەقىقىي ئەقىل ـ پاراسەتكە ئېرىشەلەيسىز؛ بايلىققا بولغان ئىنتىلىشمۇ شۇنداق، بىر ئادەم ئۆزى يولۇققان پۇرسەت ۋە مۇھىتتا، ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشىگەندىلا ئاندىن ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

 تالمۇدنىڭ بۇ پىرىنسىپلىرىنى جانلىق ئىگىلەش ۋە قوللىنىش ئەڭ ئۈنۈملۈك بېيىش يولىدۇر.

  پۇل تېپىش بىر خىل ئالىيجاناب گۈزەل ئەخلاق، تەن كۆڭۈلگە تايىنىپ ياشايدۇ، كۆڭۈل ھەميانغا تايىنىپ ياشايدۇ.

  يەھۇدىي مىللىتى ئارىسىدا مۇنداق بىر جۈملە سۆز تارقالغان: « نامرات ئاتا ـ ئانىلار قىزىنىڭ بىر ئۈلۈش قىز مېلى ئۈچۈن، چېركاۋدا ئىنجىلنى سېتىۋېتىشكە رازى بولىدۇكى، قىزىنى بىر ئۆمۈر باياشات قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قىز مېلىدا چوقۇم بىر تالمۇد بولۇشى كېرەك.

  تالمۇد كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى سودا پاراسىتىنى ئاچتى، نۇرغۇن كىشىلەر تەتقىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇنۇشقا باشلىدى. تىجارەت تەربىيەسىگە نىسبەتەن، يەھۇدىيلار مۇنداق دەپ بەلگىلىگەن:  10 ياشقا كىرگەندە «مىشىناھ» نى ئۆگىنىش,15 ياشقا كىرگەندە «تالمۇد» نى ئۆگىنىش.

بۇ كىلاسسىك ئەسەرلەرگە يەھۇدىيلارچە ئەقىل ـ پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ باي بولالىشىدىكى سەۋەبنى ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  تالمۇدتا مۇنداق دېيىلگەن: تالمۇدنى كىملا ئۆگەنسە، پەقەت كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنسىلا چوقۇم نەتىجىسىنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن دوست دەپ قارىلىدۇ، ئەقىدىسى بار ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم دەپ قارىلىدۇ، ئۇ كەمتەر، ئادىل، ئىخلاسمەن، دۇرۇس، ئېتىقادقا باي بولىدۇ، ئۇ جىنايەتتىن يىراق تۇرۇپ، گۈزەل ئەخلاققا يېقىنلىشىدۇ. ئۇ ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيادا ئەقىل پاراسەت، نەسىھەت، ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ.

  - پۇل تاپايلى!

  - بولكا يەيلى!  

  - ياخشى كۆرىدىغان ئايال بىلەن بىللە مۇھەببەت دېڭىزىغا چۆمۈلەيلى!

  - سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىز تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى.

 تالمۇد يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئەقىل ـ پاراسەت گېن ئامبىرىغا بەكرەك ئوخشايدۇ، ئۇمۇ ئوخشاشلا يەھۇدىي سودا ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ گېن ئامبىرى.

پۈتۈن ئەسەر ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، دانا بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنامىسى بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەرگەردان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار ئۈچۈنمۇ مىللەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىش جەھەتتە خېلى زور رول ئوينىدى.

تالمۇدتا 2000 دىن ئارتۇق ئالىمنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، پىكىر يۈرگۈزۈشى ۋە ئۇنى تاۋلىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پۈتكۈل يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ھاياتلىق دېڭىزىدا يۈرۈشىدىكى كومپاس، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يەھۇدىيلارنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان تۇپراق، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭ يەھۇدىي مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشى، يەھۇدىي ئەقىل ـ پاراسىتى بىلەن ئۇچرىشىشىدا بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول.

  ئىنجىل خرىستىئانلارنىڭ دەستۇرى بولسا، تالمۇد بولسا يەھۇدىيلارنىڭ ھەقىقىي نىجادكارى بولۇپ قالدى،ھەممە يەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن يەھۇدىيلار بۇ كىتابنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئىزدەيدۇ.

  تا بۈگۈنگە قەدەر، يەھۇدىيلار يەنىلا تالمۇدنى ھارماي ئوقۇماقتا.  

  يەھۇدىيلار كىچىكىدىن تارتىپلا تالمۇد نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئۇلار ئۈچ ياشقا كىرگەندە بۇ كىتابقا بىر نەچچە تامچە ھەسەل تېمىتىپ، ئۇلارنى يالاشقا بۇيرۇيدۇ، بۇ ئارقىلىق بۇ كىتابقا بولغان ياخشى تۇنجى تەسىرنى شەكىللەندۈرىدۇ. چوڭ بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر كۈنى بىر مەزگىل ۋاقىت چىقىرىپ تەتقىق قىلىدۇ، ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە ئالايىتەن بىر نەچچە سائەت ۋاقىت چىقىرىپ تالمۇد نى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسى ناھايىتى سەمىمىي بولىدۇ، بەزىدە بىر نەچچە سائەتتە ئاران ئون نەچچە جۈملە ئۆگىنىدۇ، ئۇلارمۇ خۇشال ھالدا: «بۇ ئون نەچچە جۈملىنى كۆمۈپ قويساقلا، ئۇنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلىيەلەيمىز، ئۆزىمىزنى ئەقىللىق ھەم قابىلىيەتلىك قىلالايمىز» دەيدۇ.

   پەقەت مېھمانلار زىيارەتكە ياكى يىغىلىشقا كەلسىلا، يەھۇدىيلار ھامان ئۆزئارا ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ھالبۇكى، تالمۇدنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن،بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ ئىش دەپ قارىلىپ، ياخشى تەبرىكلىشىدۇ.

  يەھۇدىيلار جەمىيىتىدە تالمۇد يەھۇدىيلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، يەھۇدىيلارنىڭ روھى ۋە كاللىسىغا ئايلاندى. دەل شۇنداق بولغاچقا، يەھۇدىيلار «كىتاب سۆيەر مىللەت»، يەنى «بىر كىتابنى سۆيىدىغان مىللەت» دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ مەنىسى يەھۇدىيلارنىڭ تۇرمۇشى تالمۇد دېگەن كىتاب دائىرىسىدە چەكلەنگەن.

  يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن تاللانغان قەۋم دەپ تونۇيدۇ، دەل شۇنىڭ ئۈچۈن تەڭرىنىڭ ياردىمى كەبى مۇشۇنداق بىر خىل «قانۇن» شەكلىدىكى كىتاب، مىللەتنىڭ «چېگراسى» نى بالدۇرلا ئايرىپ چىقىپ، ئاجىز ھەم تەرەپ تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن بىر مىللەتنى رايون، ئىرقتىن باشقا مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەن، باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە تۇرغاندىمۇ شۇنداق گەۋدىلىنىپ چىقالايدۇ،دەپ قارايدۇ.

بۇنداق بىر كىتاب بىر مىللەتنىڭ قاشاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مەزمۇنى چوقۇم يېپىق بولۇشى كېرەك، مۇقەددەس كىلاسسىكلارمۇ چوقۇم يېپىق بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. لېكىن تۇرمۇشنىڭ ئۆزى تۇيۇق ئەمەس، يەھۇدىيلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ تۇيۇق ئەمەس، تارىخ يەھۇدىيلارغا مەجبۇرىي تاڭغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بەلكىم ئىنسانىيەت تارىخىدىكى باشقا ھەرقانداق بىر مىللەتتىن خېلىلا كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار كىشىلەرنى قالايمىقانچىلىق قاينىمىغا قايتا ـ قايتا باستۇرۇپ، تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مۇھىتىغا يۈزلەندى.

  شۇڭا، بۇ مىللەتتە بېكىنمە ۋە ئوچۇقلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل چەكتىن ئاشقان خۇسۇسىيەت بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك مەۋجۇت. يېپىق خاراكتېرلىك بولمىسا، ساپ ئېچىۋېتىلگەن يەھۇدىي مىللىتى چوقۇم قىسمەن ئاسسىمىلياتسىيەدىن تولۇق ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۆتۈشتەك ئۆزلۈكىدىن ھالاك بولۇش يولىغا ماڭىدۇ؛ ئېچىۋېتىلمىگەن بولسا، ساپ يېپىق يەھۇدىي مىللىتىمۇ پەقەت ئۆزلۈكىدىن يىگىلەشكە رازى بولۇپ، تارىخ تەرىپىدىن شاللىنىش يولىغا ماڭىدۇ. تارىخنى ئەسلىسەك، قانچىلىك مىللەتلەر بۇ ئىككى تەدرىجىي تەرەققىيات ئاچا يولىدا ئايرىم ـ ئايرىم يوقىلىپ كەتكەن. شۇڭا، ئىنجىل يېپىق بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا ئىنجىل يەنە ئېچىۋېتىلىشى كېرەك، بۇ خىل يېپىق ۋە ئوچۇق ساقلاش تەلىپى

پەقەت مۇشۇ «ئۆلچەملىك ئىنجىل» بىلەنلا بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

تالمۇد گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ «ئىنجىل» دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قانۇن توپلىمى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى قانۇن توپلىمىغا ئوخشىمايدۇ، نۇرغۇن چوڭ پەرقلىق قاراشلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما بىرمۇ نوپۇزلۇق يەكۈن يوق، بۇ خىل ئەھۋال تالمۇدتا ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.

  خۇددى تالمۇد تونۇشتۇرۇلغان ياكى تالمۇد مۇھاكىمە قىلىنغان ھەر بىر كىتابنىڭ 2ـ بېتىدىن باشلاپ ئاندىن بەت نومۇرى بېسىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ بوش قالغان 1ـ بېتىگە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى خاتىرىلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىلغىنىغا ئوخشاش، تالمۇدنىڭ ئاپتورلىرى تۈرلۈك پىكىرلەر ئۈستىدە تالاش ـ تارتىش قىلىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇشنى بەكرەك خالىغان.

  مەشھۇر يەھۇدى بىسايا مۇنداق دېگەن: ئەگەر تالمۇد مۇقىم ئۆزگەرمەس فورمۇلا بولىدىغان بولسا، ئۇ بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان بولاتتى.

  تالمۇدنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى، كىشىلەردە پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەندە، بىر ئادەمنىڭ پىكرىنىڭ پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ پىكرىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى مومكىن ئەمەس.

  دەل مۇشۇنداق بىر خىل ئاقىلانىلىك  ۋە دېموكراتىيە بولغاچقا، تالمۇد تۈرلۈك چۈشەندۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلىپ سىغدۇرالايدۇ، ئاندىن يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراشلارنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر خىل قاراشلارنى، ھەر خىل ئېقىملارنى ساقلاپ قالالايدۇ، ئۇلار ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەر خىل تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىرىنى، ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ئەقىل ـ پاراسەت گېنلىرىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

  كەينى ـ كەينىدىن باشقىلار تەرىپىدىن كونىلىقنى ساقلايدىغان مىللەت دەپ ئاتالغان، ئەمما كەينى ـ كەينىدىن ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۈرلۈك ئىجادىي نەتىجىلەرنى ياراتقان، ھەتتا ئۇنىڭ سانى بىلەن تەڭ بولمىغان دۇنياۋى ئۇستازلارنى تەقدىم قىلغان، بۇنىڭ سىرى يەھۇدىي مىللىتىنىڭ ئەقىل ـ پاراسەت گېنىنى ساقلاشقا ئالاھىدە ماھىر بولۇپ، يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ، يېڭى خىرىسلارنى كۈتۈۋېلىشىدا.

  يەھۇدىي مىللىتى سودا پائالىيەتلىرى بىلەن خېلى بۇرۇن، خېلى كۆپ شۇغۇللانغاچقا، ئۇلار خېلى بۇرۇنلا سودا پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتكەن.

  تالمۇدتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى قاراشلار ھازىرقى زامان سودا قانۇن ـ نىزاملىرىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە توختام مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان سودا ھەرىكىتىنى ئىدىيىۋى ئاساس ۋە قانۇن قائىدىسى بىلەن تەمىنلىگەن.

تالمۇدتا ئادىل سودىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان، مەسىلەن، تاۋارلارنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدىغان ئارغامچا بىلەن سىزغۇچ قىش ۋە يازدا پەرقلەندۈرۈلۈش كېرەك، چۈنكى بەزى ئۆلچەملەر ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىش سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ؛ ئۆلچىگۈچ قىلىنغان بوتۇلكىنىڭ ئاستىدا قالدۇق بولسا بولمايدۇ؛ گىرنىڭ ئاستى قىسمىنى دائىم تازىلاپ، ئېغىرلىقنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ساتقۇچى تەرەپنىڭ ئۆلچەم مىقدارى توغرا بولمىغان ئەھۋالدا، سېتىۋالغۇچى تەرەپنىڭ قايتا ئۆلچەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار،ئېلان خاراكتېرىدىكى ئىشلاردىمۇ ساختىپەزلىك قىلىشنى مەنئى قىلىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر بار، مەسىلەن، كالا ساتقاندا ئوخشاش بولمىغان رەڭلەرنى بوياش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەر خىل سايمانلارغا رەڭ بېرىپ كونىسىنى يېڭىلاش مەنى قىلىنىدۇ؛ يېڭى مېۋىلەرنى كونا مېۋىلەر بىلەن قوشۇپ سېتىشمۇ چەكلەنگەن قىلمىشلار قاتارىغا كىرىدۇ.

باھا مەسىلىسىدىمۇ تالمۇدنىڭ ئېنىق بەلگىلىمىسى بار.

ئەينى چاغدا گەرچە ئوبيېكتىپ بىرلىككە كەلگەن باھا بولمىسىمۇ، پۈتۈشۈش باھاسى ئادەتتە باھا تالىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان، لېكىن پۈتۈشۈش باھاسى ئادەتتىكى باھانىڭ 16% تىدىن يۇقىرى بولسا، بۇ سودا ئۆزلۈكىدىن ئىناۋەتسىز بولىدۇ، سېتىۋالغۇچى مالنى قايتۇرسا بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، خېرىدارنىڭ سېتىۋالغىنى ئۆزى چۈشەنمەيدىغان بۇيۇم بولسا، بىر كۈندىن بىر ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىت ( سېتىۋالغان بۇيۇمغا قاراپ بېكىتىدۇ، ) ئىچىدە، باشقىلاردىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا قايتۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن بىزنىڭ تاۋار ئىگىلىكىدە زۆرۈر بولغان توختام ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنىڭ يەھۇدىي مىللىتى ئارىسىدا بىخلىنىشى ۋە بالدۇر يېتىلىشىنى بايقىشىمىز تەس ئەمەس،

يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان «دۇنيا سودىگىرى» بولالىشىمۇ بىر خىل تارىخىي ۋە لوگىكىلىق مۇقەررەرلىك بولۇپ قالدى.

تالمۇد نامۇۋاپىق رىقابەتكە قارشى تۇرۇپ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن تاۋارلارنى ساتىدىغان دۇكاننىڭ يېنىدا ئوخشاش دۇكان ئېچىشقا، پۈتۈنلەي ئوخشاش نەرسىلەرنى سېتىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. باھا چۈشۈرۈش رىقابىتىگە نىسبەتەن، كۆپ قىسىم ئەھۋالدا، ئىستېمالچىلارغا پايدىلىق ياكى پايدىلىق ئەمەسلىكى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، باشقىلار سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، تالمۇدتا مۇنداق بىر مىسال بار :

ئىككى رابى مەلۇم بىر پارچە يەرنى سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ.

بىرىنچى رابى ساتقۇچى بىلەن بۇ يەرنىڭ باھاسىنى كېلىشىپ قويغان، لېكىن ئىككىنچى رابى يۈگۈرۈپ كېلىپ، گەپ قىلمايلا سېتىۋالغان.

بىر كۈنى بىرەيلەن ئىككىنچى رابى بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭغا: «بەزىلەر كەمپۈت سېتىۋالماقچى بولۇپ، كەمپۈت دۇكىنىغا كېلىپ، بىرسىنىڭ كەمپۈتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈۋاتقان ۋاقتتا، كېيىن كەلگەنلەر كەمپۈتنى تالىشىپ سېتىۋاپتۇ، بۇنداق ئادەمنى سىز قانداق ئاتايسىز؟» دەپتۇ.

ئىككىنچى رابى جاۋاپ بېرىپ: ئەلۋەتتە ئىككىنچى ئادەم ناچار ئادەم،دەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن،ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا:

  - سىز بايا سېتىۋالغان يەر، ھېلىقى كېيىن كەلگەن ئادەم سېتىۋالغان كەمپۈت بىلەن باراۋەر،ئۇ يەرنىڭ باھاسىنى باشقىلار ئالدىن دەپ قويغان، سۆزلىشىش باسقۇچىدا تۇرسا، سىز نېمىشقا ئاۋۋال سېتىۋالىسىز؟-دەپتۇ.

  بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىدا قانداق ھەل بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟

  ئىككىنچى رابى ئەمدىلا سېتىۋالغان يەرنى دەرھال سېتىپ چىقىرىمەن دەپ قاراپتىكەن لېكىن خەيرلىك ھىس قىلماپتۇ، بىرىنچى رابىغا سوۋغا قىلاي دەپ يەنە كۆزى قىيماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر مەكتەپكە ئىئانە قىپتۇ.

  ناھايىتى ئېنىقكى، تالمۇد ھەققىدىكى بۇ كونكرېت بەلگىلىمىلەردىن   

 ئادىل باھا، ئورۇنلۇق پايدا، ئادىل رىقابەت، ئەينەن چۈشەندۈرۈش قاتارلىق سودا قانۇن ـ نىزاملىرىدىكى ئاساسىي ئىدىيە ۋە ئىپتىدائىي ئۇسۇللارنى ئاسانلا قېزىپ چىققىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قانۇن ـ نىزاملارنىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك بەلگىلىمە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولۇپ، سودا تارىخى ۋە قانۇن تارىخىغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

  كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئۈچ خىل نەرسە بار: باش قېتىنچىلىقى، تالاش ـ تارتىش، قۇرۇق ھەميان. بۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرۇق ھەميان ئادەمگە ئەڭ زىيانلىق.

 

 

تالمۇدنى ئۆگىنىشتىكى تۆت مۇھىم نۇقتا


    تالمۇد مىشناھ ۋە گېمارادىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن،

 بابىلون تالمۇدى ۋە ئىرۇسالىم تالمۇدىدىن ئىبارەت ئىككى خىل نۇسخىسى بار.

  مىشناھ قىسمى مۇسانىڭ بەش قىسسىسىنىڭ قانۇن ئىزاھلىرى، گېمارا بولسا مىشناھنىڭ ئىزاھاتى. مىشناھ ئالتە بۆلۈمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى بۆلۈم پروفىسور جاڭ پىڭ تەرىپىدىن  خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىغان، جاڭ پىڭ ئىسرائىلىيىلىك پروفىسور بولۇپ، ئون نەچچە يىل ۋاقتىنى تالمۇدنى تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش ۋە تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا قاراتقان.

 

  بىرىنچىسى، سوئال سوراشنى ئۆگىنىش. چۈنكى تالمۇدتىكى بىرىنچى ئېغىز سۆز : قاچان. تالمۇد دەل مۇشۇنداق سۇئال سوراشتىن باشلىنىدۇ. تالمۇدتىكى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد رابىلار توىتىماي سۇئال سوراپ كەلگەن. گەرچە بەزىدە ھىچقانداق جاۋابقا ئېرىشكىلى بولمىسىمۇ. شۇڭلاشقا تالمۇدنىڭ بىرىنچى مۇھىم ھالقىىسى سوراش.

  بىر ھېكايە بايان قىلساق، 1946-يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى،ئامېرىكىلىق يەھۇدى ئىزىتو رابىدىن باشقىلار سەن نېمىشقا بۇنچە ئەقىللىق دەپ سورىغاندا، مەن نيۇيوركنىڭ بروكلىن رايونىدا ناھايىتى نامرات بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان، مەن كىچىك ۋاقتىمدا ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتقىنىمدا، ئانام مەندىن دائىم سۇئال سورايتتى، ئۇ مەندىن نېمە ئۈگەنگەنلىكىمنى ئەمەس، مەندىن بۈگۈن نېمە سۇئال سورىدىڭ، دەپ سورايتتى. مانا بۇ بىر تىپىك يەھۇدىنىڭ كۆز قارىشى ئىدى. يەھۇدىلار داۋاملىق نېمە ئۈچۈن دەپ سۇئال سورايدۇ، تىل سۇئال سوراش ئۈچۈن يارىتىلغان دەپ قارايدۇ. ئائىلىدىمۇ ئاتا-ئانىلار بالىلارنى داۋاملىق سۇئال سوراشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  تالمۇدنى ئۆگىنىشتىكى ئىككىنچى پرىنسىپال نوقتا، ئۆگىنىش ھەمراھىنىڭ مۇھىملىقى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىمكى، بەزىدە ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىز تەرىپىمىزدىن ئالدىنىپ قالىمىز. تەپەككۈرىمىز ئۇچۇپ ئۇچۇپ بىر قاياقلارغا كېتىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۆگىنىش ھەمراھىمىز بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئىككەيلەن توختىماي مۇنازىرە قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە ھەل بولىدۇ. قارىشى تەرەپنىڭ تەپەككۈرىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، قارىشىلىشىپ ،ھەتتا ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆزىمۇ بۇرۇن ئويلاپ باقمىغان تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىغىچە كىرگىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، يەھۇدىلاردا ئەڭ ئەقىللىق دەپ قارالغان بىر رابىنىڭمۇ بىر ئۆگىنىش ھەمراھى بولغان بولىدۇ.

  ئۈچىنچى پرىنسىپ بولسا، ئوبېكتىپ ھەقىقەت يوق. ھەممەيلەننىڭ ئېرىشكەن ھەقىقىتى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس سۇبېكتىپ قارىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن بىر دەرەخنى كۆردۇق دەيلى، ئەگەر مەن بىر بىئولۇگ ياكى بوتانىك بولغان بولسام، ھاياتلىق ئىلمى نوقتىسىدىن بۇ دەرەخنى كۆزىتىمەن، بۇ نېمە دەرەخ، قانچە ياشقا كىرگەن،...دېگەندەك. ئەگەر مەن بىر سەنئەتكار بولسامچۇ، ئۇنى سەنئەت نوقتىسىدىن كۆزىتىمەن، مەسىلەن بۇ دەرەخ بۇ يەردە بولماي تاغنىڭ ئاۋۇ يانباغرىدا بولغان بولسا رەسىم سىزسا تېخىمۇ ئېسىل چىقاتتى دەپ. ئىقتىسادشۇناسلار ئۇنى ئىقتىساد نوقتىسىدىن كۆزىتىدۇ، مەسىلەن بۇنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى قانچىلىك دېگەندەك. ئوخشاش بىر شەيئىگە ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆلچەملىك جاۋب يوق. ھەممە ئادەمنىڭ بۇ دەرەخكە ئوخشاش بىر چۈشەنچىنىڭ بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆگىنىش ھەمراھىڭىز سىزنى ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى ئارقىلىق قايىل قىلىش ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ بۇ دەرەخكە بولغان چۈشەنچىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تولۇقلاش.

تۆتىنچى نوقتا شۇكى، تالمۇدنىڭ ھەر بىر جېلىدلىرىنىڭ ئوخشىمىغان قاتلامدىكى مەنالىرى بار، مەسىلەن ئىلىم قاتلىمى، ھىسسىي قاتلام ۋە روھىي قاتلام دېگەندەك. بۇنى ناھايىتى ئەقىللىق بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىلاھىي كىتابلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ يېزىپ چىققان. ئادەم ئوخشىمىغان مۇھىتتا، شۇنداقلا ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە تۇرۇپ كىتابنى ئوقۇسا، ئېرىشىدىغان نەرسىسى ئوخشاش بولمايدۇ، كىرەلەيدىغان قاتلام مەنزىلىمۇ ئوخشىمايدۇ. ناۋادا ھەر بىر جىلىد باپلارنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغىچە ئېنىق ۋە تولۇق چۈشىنەلىسىڭىز، ئەگەر بىز ئۇنى بىر تال ئۇرۇق دېسەك، سىز ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، خۇددى بىخ سۈرۈپ پۇرەكلەپ ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشاش، ۋە خۇددى بىر تىرىك كىتابنى ئوقۇغانغا ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز.

 

  بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر كىشى تالمۇدنى ئۆگەنمەكچى بولغان ئىكەن، ئەمما ئۇ تالمۇدنى چۈشەنمەك بەك تەس ئىكەن دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش نىيىتىگە كېلىپ، رابىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆزىنىڭ تالمۇدنى ئۆگەنگۈسى يوقلىقىنى ئېيتىپتۇ.

رابى ئۇنى بىر ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ، ئۆينىڭ ئۈستىگە مېۋە قاچىلانغان بىر سېۋەت ئېسىقلىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن رابى ئۇنىڭغا:

 - مېۋە يېگۈڭىز بارمۇ؟ ئەگەر يېگۈڭىز بولسا، بۇ سېۋەتنى ئالسىڭىزلا بولىدۇ،- دەپتۇ، لېكىن ئۆيدە شوتا بولمىغاچقا، ئۇ بۇنداق ئېگىز مېۋە سېۋىتىنى ھەرگىزمۇ  ئالالمايتتى، ئۇ كىشى ئالاقزادە بولغان ھالدا رابىغا قاراپتۇ.

  رابى ئۇنىڭغا قاراپ:  

 - ئەگەر بۇ سېۋەتنى راستتىنلا ئالغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنى كىم ئېسىپ قويغاندۇ؟- دەپ سوراپتۇ.ئۇ يەنىلا چۈشەنمەپتۇ، رابى ئامالسىز ئۇنىڭغا ئۇدۇللا :

 - تالمۇدنى بىرەرسى يازالىغان ئىكەن، سىز نېمىشقا ئۇنى چۈشەنمەيسىز؟ - دەپتۇ.

  شۇنىڭ بىلەن رابى تالمۇدتا خاتىرىلەنگەن يەنە بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

  بىر ئادەم تالمۇدنى ئۆگەنمەكچى بولغان، لېكىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەنمىگەن، ئۇ باشقىلارنىڭ بىر پۇتى بىلەن ئۆرە تۇرالايدىغان ۋاقىت ئىچىدە، ئۇنىڭغا تالمۇدنىڭ بارلىق بىلىملىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىپتۇ.

  مەشھۇر رابىشىل ئۇنى قوبۇل قىپتۇ، ئۇ ئەمدىلا بىر پۇتىنى كۆتۈرۈشىگە، رابىشىل ئۇنىڭغا تالمۇدنىڭ نىگىزلىك مەزمۇنىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىپتۇ:

 - باشقىلارغا ئۆزىڭىزمۇ بىزار بولىدىغان ئىشنى قىلماڭ، مانا بۇ تالمۇدنىڭ بارلىق مەزمۇنى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت ئىزاھات ۋە باھالاش.ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نەرسىلەر ناھايىتى ئاددىي، پەقەت كىشىلەر ئۇنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، پەقەت سىز بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق قائىدىلەرنى ئىگىلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.

ئىگىلىك تىكلەش ئۇنچە قىيىن ئىش ئەمەس، ئۇ كۆپچىلىك ئورتاق رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەردىن تەركىب تاپقان، بۇ قائىدىلەرنى پىششىق قوللانغاندىلا، ئىگىلىك تىكلەش كۆپ ئاسانلىشىدۇ.

سودىنىڭ جەۋھىرى پەقەت بىر قىسىم ئاددىي قائىدىلەر، بۇ قائىدىلەر سودا ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە مىزانى.

دۇنيادا نۇرغۇن مىللەتلەر مەۋجۇت، نېمە ئۈچۈن پەقەت يەھۇدىيلارلا بايلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالىدۇ؟

بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تالمۇدى تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ.

  تالمۇد ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى بېيىشقا يېتەكلەيدىغان كىتاب بولۇپ، دۇنيانىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا يەھۇدىيلارنى تەدرىجىي ھالدا سودا يولىغا باشلىغان، سودا ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدىكى بايانلار يەھۇدىيلارنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى كاللىسى ۋە ئۆزگىچە تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرگەن، يەنە مىڭ يىللىق سودا ئەقىل ـ پاراسىتى يەھۇدىيلارنى سودىگەر بولۇشنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى تولۇق ھازىرلىغان، شۇڭا جەمىيەت تىنچ بولسىلا ئۇلار بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدىغان ھالەتتىن تېزلا بېيىپ كېتەلەيتتى. بولۇپمۇ كاپىتالىزم دەۋرى يېتىپ كېلىپ، پۇل جەمئىيەتتىكى ئاساسىي كۈچكە ئايلانغاندا، ئۇلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئېلىپ كەلگەن سودا پاراسىتى ئۇلارنىڭ كېيىنكى سودا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى،

  كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن ئادەم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.

  تالمۇدتا تا يەھۇدىيلارغا شۇنداق نەسىھەت قىلىنىدۇكى، ئۇلاردا يۈكسەك ئىرادە ۋە يەنىلا يۈكسەك ئىرادە بولۇشى كېرەك.

  تالمۇد ئەزەلدىن كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاسلىقىنى يوققا چىقىرىشنى رەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلگەن، ئۇلار ئۆزلىرى نامۇۋاپىق دەپ قارىغان نەرسىلەرنى ئۆز كۈچى بىلەن ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەتتا شەخسنىڭ كۈچى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.

تالمۇدتا مۇنداق بىر ھېكايە بار :

ئىككى ئادەم باركەن، بىرى ئائىلە نەسەبىدىن پەخىرلىنىدىغان ياش، يەنە بىرى نامرات پادىچى. باي ياش ئىنتايىن پەخىرلىنىپ، ئۆز ئەجدادىنىڭ شان ـ شەرىپى ۋە بايلىقىنى پادىچىغا تازا ماختىنىپتۇ، ئاندىن كۆرەڭلىگەن ھالدا پادىچىغا قاراپتۇ، پادىچى قاقاقلاپ كۈلۈپ: «ئۇ ئۇلۇغ ئەجدادنىڭ ئەۋلادى ئەسلىدە سەن ئىكەنسەندە، بىراق بىلىشىڭ كېرەككى، سەن ئاللىقاچان جەمەتىڭلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئادىمى بولۇپ قالدىڭ، مەن چوقۇم جەمەتىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئەجدادى بولىمەن،-دەپتۇ.

بۇ پادىچى ئەنەنىنى چوڭ بىلمەيدۇ، ئەنئەنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كۈچىدىن قورقۇپ قالمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىدۇ.

  ئۆزىڭىزنىڭ پايدىسىز ئەھۋالىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ،

ئالدىنقىلارنىڭ كېيىنكىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزىڭىز ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېڭى زېمىن بەرپا قىلىشىڭىز كېرەك.

مانا بۇ يەھۇدىيلار.

ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ئوچۇق، ئەركىنلىكنى قەدىرلەيدۇ، بارلىق مۇتەئەسسىپ نەرسىلەرگە قارشى تۇرىدۇ، بەزى قاتمال قاراشلار ۋە ئەنەنىۋى ئۇسۇللارنىڭ چەكلىمىسىگە تېخىمۇ ئۇچرىمايدۇ.

تالمۇد ھەمىشە ياشلارنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىشقا، يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشتىن قورقماسلىققا ئىلھاملاندۇرىدۇ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشمۇ ئەرزىيدۇ،دەيدۇ.

تالمۇد كىشىلەرنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، مەسىلەن، داڭلىق ئېكسپېدىتسىيىچى كولۇمبۇ، ئۇنىڭ ئەجدادى يەھۇدىي. ياشاش ئېھتىياجى ئۈچۈن، ئۇ قارىماققا خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، لېكىن تېگىدىن يەنىلا يەھۇدىي.

يەھۇدىيلارنىڭ ئىدىيىسى ئوچۇق بولۇپ، ئۇلاردا ھەتتا دۆلەت، ئىرق ۋە رايون قاتارلىق چەكلىمىلەرمۇ يوق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ ـ پۇچقاقلىرىنى كېزىپ چىقتى، بۇلار ھازىرقى زامان سودىگەرلىرىنىڭ ئەسلى تىپى.

يەھۇدا سودىگەرلىرى مۇشۇنداق ئەركىن كەيپىياتتا تۇرسىمۇ، پۇرسەت يېتىپ كەلگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ، دەسمايىسى، قورالى، پۇلى بولمىغان ئەھۋالدا، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ، جەمىيەتنىڭ پەلەمپىيىنى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلىيەلەيدۇ.


داۋامى بار

展开阅读全文
赞(18) 打赏(3)
推荐文章
135******03 很好的内容,值得反复学习

三个月前 赞(1)